كورونا باكتېرىيەسى 282 جانغا زامىن بولدى

سەئۇدى ئەرەبىستانى سەھىيە مىنىستىرلىقى، كورونا كېسىلىگە دۇچار بولغانلارغا دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى.

82090
كورونا باكتېرىيەسى 282 جانغا زامىن بولدى

سەئۇدى ئەرەبىستانى سەھىيە مىنىستىرلىقى، كورونا كېسىلىگە دۇچار بولغانلارغا دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى.
688 كىشىنىڭ جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسىلى (SARS) نىڭ پەرقلىق بىر ۋارىيانتى بولغان كورونا باكتېرىيەسىنى يۇقتۇرۇۋالغانلىقى، بۇلاردىن 282 سىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارغا كۆرە، بۇ كېسەللىكنىڭ جانغا زامىن بولۇش نىسبىتى %33 دىن %41 گە چىققان بولدى. سەئۇدى ئەرەبىستانىدا نۆۋەتتە 53 ئادەمنىڭ مەزكۇر كېسەللىك سەۋەبىدىن داۋالىنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.
سەئۇدى ئەرەبىستانى سەھىيە مىنىستىرلىقى، كېسەللىكنى كۈزىتىش تەدبىرلىرىنىڭ كۈچەيتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر