ھۇسەيىن لوندوندا نازارەت ئاستىغا ئېلىندىمۇ؟

ئۆكتىچى رەھبەر ئەلتاف ھۇسەيىننىڭ لوندوندا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر پاكىستاننى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى.

82296
ھۇسەيىن لوندوندا نازارەت ئاستىغا ئېلىندىمۇ؟

ئۆكتىچى رەھبەر ئەلتاف ھۇسەيىننىڭ لوندوندا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر پاكىستاننى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى؛ لوندون ساقچىلىرى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان كىشىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ، ئەنگلىيە مەتبۇئاتىدا چىققان خەۋەرلەر نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە سەۋەب بولدى.
ھۇسەيىننىڭ قوللىغۇچىلىرى نارازىلىق نامايىشلىرىنى ئۆتكۈزدى؛ كاراچى شەھىرىدە يوللار توسۇۋېلىندى، ماشىنلارغا ئوت قويۇپ بېرىلدى. كۆپلىگەن جايلاردا دۇكانلار تاقالدى.
پاكىستان سودىسىنىڭ قەلبى ھېسابلىنىدىغان كاراچى شەھىرىنىڭ ئاھالىسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى مۇھاجىرلار تەشكىل قىلىدۇ. شەھەرنىڭ باشقۇرۇشىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان مۇھاجىرلار ھەرىكىتىنىڭ لىدىرى ئەلتاف ھۇسەيىن، 1990- يىللارنىڭ مابەينىدە ئەنگلىيەدە ئىستىقامەت قىلىپ كەلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر