ب د ت: سۈرىيەدىكى سايلام جەنۋە مۇزاكىرىلىرىنىڭ سىرتىدا

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمۇن، سۇرىيەدە بەششار ئەسەدنىڭ پىرېزىدېنتلىققا سايلىنىشى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن سايلامنىڭ بۇ دۆلەتتىكى ئىچكى ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىش ۋە تەرەپلەرنى ئۆزئارا ئۇچراشتۇرۇپ مەسىلىسگە سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى تېپىشنى مەقسەت قىلغان جەنۋە مۇزاكىرىلىرى دائىرىسىنىڭ سىرتىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

82301

باش كاتىپ بان كىمۇننىڭ سۇرىيەدە قانۇنىي سالاھىيەت دەتالاشلىرىنىڭ كۈلەڭگىسى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامغا دائىر قاراشلىرىنى يەتكۈزگەن ستېفان دۇجاررىك، ب د ت نىڭ سۇرىيەدىكى سايلاملار بىلەن ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقىنى، لېكىن سايلام ئېلىپ بېرىلغان شەرت – شارائىتلارنىڭ ب د ت تەرىپىدىن خاتىرىلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.
بان كىمۇن، بۇنىڭدىن ئىلگىرى بەرگەن باياناتلىرىدىمۇ پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىگە سىياسىي چارە تېپىش تىرىشچانلىقلىرىغا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ۋە سىياسىي چارە تېپىش ئۈمىدلىرىنى يەرگە ئۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلغانىدى.

خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر