پاكىستاندا مىنا پارتلاپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بىر يولۇچىلار مىنىبۇسى قۇررامدىن پاراچىنار رايونىغا قاراپ يولغا چىقىپ، كومتا رايونىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا يولغا ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان مىنا پارتلىغان

81270
پاكىستاندا مىنا پارتلاپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاندا مىنا پارتلاپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بىر يولۇچىلار مىنىبۇسى قۇررامدىن پاراچىنار رايونىغا قاراپ يولغا چىقىپ، كومتا رايونىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا يولغا ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان مىنا پارتلىغان، شىددەتلىك پارتلاشتا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 6 كىشى يارىلانغان.
ئىگىلىنىشىچە، يارىدارلار قۇررام رايونىدىكى دۆلەتلىك دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلغان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر