بەششار ئەسەد قىسىملىرى قەتلىام قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

80172
بەششار ئەسەد قىسىملىرى قەتلىام قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى (SNHR) ئېلان قىلغان باياناتتا، بەششار ئەسەد قىسىملىرىنىڭ قوزغىلاڭچىلارنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى رايونلارغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا، ئىدلىب ۋە دەمەشىقتە 6 دىن جەمئىي 12، ھەلەبتە 5، ھۇمۇس ۋە دەرئادا 4 تىن جەمئىي 8 ۋە دېيرۇززۇردا 2 بولۇپ، جەمئىي 27 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

سۈرىيە سانا خەۋەر ئاگېنتلىقى خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن ئېلان قىلغان مەلۇماتىدا، خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنىڭ ھەلەب، دەرئا، ھاما ۋە ھۇمۇستىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە نۇرغۇنلىغان قوراللىق گۇرۇپپىلارنى يوقاتقانلىقىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر