سۈرىيەدە ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى
سۈرىيەدە ئىدلىبنىڭ 12 كىلومېتىر شەرقىدىكى بىر ماي قاچىلاش پونكىتى ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە ئىدلىبنىڭ 12 كىلومېتىر شەرقىدىكى بىر ماي قاچىلاش پونكىتى ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.
ھۇجۇمدا 15 كىشى ئۆلدى، 40 تىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى. پارتلاش نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە نۇرغۇنلىغان يېقىلغۇ تانكېرلىرى ۋەيران بولدى. بۇ ئارىلىقتا، دۆلەتتە 3 - ئىيۇن كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنت سايلاملىرى ئۈچۈن چەتئەلدە ياشاۋاتقان سۈرىيەلىكلەر تۈنۈگۈندىن ئېتىبارەن ئاۋاز بېرىشكە باشلىدى. ئىيوردانىيەدىكىكى مۇساپىرلار لاگېرلىرىدا ياشاۋاتقان سۈرىيەلىكلەر سايلاملارغا نارازىلىق بىلدۈردى. سۈرىيەدە پىرېزىدېنت سايلاملىرىنىڭ ئىچكى ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە ئۆتكۈزۈلۈشىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت تەنقىد قىلماقتا.
ئۆكتىچىلەر بولسا بۇنداق سايلامنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقلىرىنى، بۇنىڭ «بىمەنىلىك»، «تىياتىر» ۋە «قانلىق سايلام» دىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.