ئافغانىستاندا ھەربىي ئاپتوموبىل ئادەم بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

ھۇجۇمدا 2 ئەسكەر قازا قىلدى، 9 ئەسكەر يارىلاندى

74764
ئافغانىستاندا ھەربىي ئاپتوموبىل ئادەم بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاندا ھەربىي ئاپتوموبىل ئادەم بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.
ھۇجۇمدا 2 ئەسكەر قازا قىلدى، 9 ئەسكەر يارىلاندى.
پايتەخت كابۇلدا يۈز بەرگەن ھۇجۇم موتسىكلىتلىق بىر كىشى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلدى.
زوراۋان ھەربىي ئاپتوموبىلنى تەقىب قىلىپ، يېقىنلاشقان چاغدا ئۈستىگە تېڭىۋالغان بومبىلارنى پارتلاتتى.
ھۇجۇمدىن كېيىن ئافغانىستان ئەسكەرلىرى رايوندا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.
ھۇجۇمنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ زىيارىتىدىن كېيىنلا يۈز بېرىشى دىققەت قوزغىدى.
ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تالىبان ئۆز ئۈستىگە ئالدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر