مىسىردا پىرېزىدېنت سايلاملىرى ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى

مىسىر خەلقى تۈنۈگۈن قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنت سايلاملىرىدا ئاۋاز بېرىشكە قاتناشتى

مىسىردا پىرېزىدېنت سايلاملىرى ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىردا پىرېزىدېنت سايلاملىرى ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى.
مىسىر خەلقى تۈنۈگۈن قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنت سايلاملىرىدا ئاۋاز بېرىشكە قاتناشتى. دۆلەتتە 2013 - يىلى 3 - ئىيۇل ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان تۇنجى سايلام بۈگۈن كەچتە ئاخىرلىشىدۇ. كۆپلىگەن نامزاتلارنىڭ قاتنىشىشى مەنئىي قىلىنغان سايلام، ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان گېنېرال ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسىنىڭ بىردىن بىر رەقىبى ژۇرنالىست ۋە سىياسىيون ھامىدىن ساباھى... مەلۇماتلارغا قارىغاندا، سايلامنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ساندۇقلار تاقالغاندىن كېيىن ئەنقەرە ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 9 دا ئېلان قىلىنىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، ساباھىنىڭ % 10 تىن تۆۋەن ئاۋازغا ئېرىشىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن. تۈنۈگۈن سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتى بۇرۇنقىلىرىغا قارىغاندا ناھايىتى تۆۋەن سەۋىيەدە بولۇپ، كۆپلىگەن جايلاردا % 30 تىن تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغان. ئاۋاز بېرىشكە قاتنىشىش ئۈچۈن مىسىردا دۆلەت ئورۇنلىرى تاقالغان. سايلام كومىتېتى، سايلىغۇچىلارنىڭ بېلەت تاشلىغان نامزاتلارنىڭ يېنىغا قوللاشنى بىلدۈرۈپ خەت يېزىپ قويغان تەقدىردىمۇ ئىناۋەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان. بۇ ئارىلىقتا، قاھىرەدە سىسىنىڭ سايلام سەپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرىدە ئىشلەيدىغان بىر كىشى كېچىسى ئۆيىگە كېتىۋاتقاندا ئۆلتۈرۈلگەن. قاھىرە ۋە ئىسكەندەرىيەدە ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلگەن. ئىگىلىنىشىچە، جىزيە، قەليۇبىيە، مەنۇفىيە ۋە دەقاھلىيە شەھەرلىرىدە خەلقنىڭ سايلامغا ئىشتىراك قىلىش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن بولغان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر