ئۇكرائىنادا پىرېزىدېنت سايلاملىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ

6 ئايلىق داۋالغۇشنى باشتىن كەچۈرگەن ئۇكرائىنادا ئەتە پىرېزىدېنت سايلاملىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ

72342
ئۇكرائىنادا پىرېزىدېنت سايلاملىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 6 ئايلىق داۋالغۇشنى باشتىن كەچۈرگەن ئۇكرائىنادا ئەتە پىرېزىدېنت سايلاملىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
35 مىليون سايلىغۇچى 34 مىڭغا يېقىن ساندۇقتا دۆلەتنىڭ 5 - پىرېزىدېنتىنى سايلاش ئۈچۈن بېلەت تاشلايدۇ.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 18 نامزات رىقابەتلىشىدىغان سايلامنىڭ ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن نامزاتلىرى بولسا، دۆلەت خەۋپسىزلىك ۋە مۇداپىيە كېڭىشىنىڭ سابىق باشلىقى پېترو پوروشېنكو بىلەن سابىق باش مىنىستىر يۇلىيا تىموشېنكو ئىكەن. سايلامدىن بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرۇلغان راي سىناش نەتىجىلىرىگە كۆرە، پوروشېنكو ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىكەن. ئۇكرائىنا خەلقى قوللاۋاتقان نامزاتلار پەرقلىق بولسىمۇ، ئەمما ھەممىنىڭ ئارزۇسى مۇقىم ۋە دېموكراتىك ئۇكرائىنا ئىكەن... دۆلەتنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى توقۇنۇشلاردىن كېيىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان سايلامدا ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى ئەڭ ئەھمىيەت بېرىۋاتقان مەسىلىلەردىن بىرى بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئىكەن. مۇئاۋىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نىكولاي ۋېلىچكوۋىچ بولسا، سانى 90 مىڭدىن ئاشىدىغان ساقچىلار، ئەسكەرلەر ۋە ئاممىۋى مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكنى قوغدىيالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پىرېزىدېنت سايلاملىرىنى خەلقئارالىق 19 تەشكىلات بىلەن 18 دۆلەتكە ۋەكالىتەن 2800 دىن ئارتۇق كۆزەتكۈچىنىڭ تەقىب قىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر