ئۇكرائىنا دۆلەتنىڭ پۈتۈنلۈكىنى قوغداشنى نىشان قىلماقتا
ئۇكرائىنادىكى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت، 25 - ماي كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنت سايلاملىرى ھارپىسىدا دۆلەتنىڭ پۈتۈنلۈكىنى قوغداشنى نىشان قىلماقتا
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنادىكى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت، 25 - ماي كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنت سايلاملىرى ھارپىسىدا دۆلەتنىڭ پۈتۈنلۈكىنى قوغداشنى نىشان قىلماقتا.
بىراق دۆلەتنىڭ شىمالىىدا رۇسپەرەسلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلاردا توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا.
رۇسپەرەس قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ، دونېتسىكنىڭ شەرقىىدىكى بىر كونترول نۇقتىسىغا قىلىش ھۇجۇمدا 20 ئۇكرائىنا ئەسكىرى ئۆلدى.
كىيېۋ ھۆكۈمىتىنىڭ فېدېرالىزم تۈزۈمىگە قايىل بولمىغان رۇسپەرەسلەر، مۇستەقىللىق مەسىلىسىدە چىڭ تۇرماقتا.
25 - ماي كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنت سايلاملىرى ھارپىسىدا ئۇكرائىنانىڭ ۋەزىيىتى بارغانسېرى يامانلىشىپ كەتمەكتە.
رۇسپەرەس قوراللىق گۇرۇپپىلار، مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان دونېتسىك ۋە لۇگانىسكتىكى ئۇكرائىنا قىسىملىرىغا داۋاملىق ھۇجۇم قىلماقتا.
تېگى رۇس بولغان كىشىلەر، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگرىسىدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشىنى پىرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىننىڭ تاكتىكىلىق پىلانى دەپ قارىماقتا.
رۇسپەرەسلەرنىڭ پىرېزىدېنت سايلاملىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان 25 - ماي كۈنى دونېتسىكتا سايلامغا نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈشى مۆلچەرلەنمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.