ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسى توغرۇلۇق دوكلات ئېلان قىلىندى

خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى، ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسى توغرۇلۇق دوكلات ئېلان قىلدى

72828
ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسى توغرۇلۇق دوكلات ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى، ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسى توغرۇلۇق دوكلات ئېلان قىلدى.
دوكلاتتا، ئىراننىڭ يانۋاردىن تارتىپ ھازىرغىچە يادرو قوراللىرى ئىسكىلاتلىرىنى % 80 تىن كۆپرەك ئازايتقانلىقى تەكىتلەندى.
دوكلاتتا، ئىراننىڭ بۇلتۇر 6 دۆلەت بىلەن ھاسىل قىلغان كېلىشىمگە ئەمەل قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
دوكلاتتا يەنە، يادرو قوراللىرى ئىسكىلاتلىرىنى ئازايتقان بولۇشىغا قارىماي، ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسىنىڭ ھەربىي مەسىلىلەردىكى ئەندىشىلەرنىڭ داۋاملىشىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.
بۇ دائىرىدە ئىراننىڭ قولىدىكى ئوتتۇتاشتۇرغۇچلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەندىشىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئىران بولسا بۇ ئوتتۇتاشتۇرغۇچلارنىڭ پۇقراۋى مەقسەتتە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى، ئىراندىن كۆزەتكۈچىلەرنىڭ پەرچىن مۇئەسسەسەسىگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىشىنى قايتا تەلەپ قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر