تايلاندتا سابىق باش مىنىستىر قولغا ئېلىندى

ئارمىيە ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان تايلاندتا سابىق باش مىنىستىر يىڭلاك شىناۋاتنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تايلاندتا سابىق باش مىنىستىر قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئارمىيە ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان تايلاندتا سابىق باش مىنىستىر يىڭلاك شىناۋاتنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
تايلاند تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىڭلاك شىناۋات بىر ھەربىي مۇئەسسەسەدە كەم دېگەندە ئۈچ كۈن تۇتۇلىدىكەن.
دۆلىتىدە ئۇدا بىرقانچە ئاي داۋاملاشقان نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ نىشانى بولغان شىناۋات، 7 - ماي كۈنى ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، باش مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانىدى.
چىرىكلىككە قارشى كۈرەش كومىتېتىمۇ شىناۋاتنىڭ ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى پالاتادا سوتلىنىشىغا قارار قىلغانىدى.
مۇشۇ ھەپتىنىڭ باشلىرى جىددىىي ھالەت ئېلان قىلغان تايلاند ئارمىيەسى پەيشەنبە كۈنى ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر