گۇئانتانامو تۈرمىسى قايتىدىن كۈنتەرتىپتە....

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرنىڭ گۇئانتانامو تۈرمىسى قايتىدىن كۈنتەرتىپتە....

72827
 گۇئانتانامو  تۈرمىسى قايتىدىن كۈنتەرتىپتە....

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرنىڭ گۇئانتانامو تۈرمىسى قايتىدىن كۈنتەرتىپتە.....
ئامېرىكىلىق سودىيە ئاچلىق ئېلان قىلغان مەھبۇسلارغا مەجبۇرى تاماق يېگۈزۈلۈشىگە رۇخسەت قىلدى.
بۇرۇندىن نەيچە ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، قاتتىق ئاغرىتىدىغانلىقى ئۈچۈن نارازىلىق پەيدا قىلدى.
سودىيە، تۇتقۇنلارنىڭ قاتتىق ئەزىيەت يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇشىغا قارىماي، ئۆلۈپ كېتىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىشان قىلىنغانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە قارار قىلدى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، گۇئانتانامو تۈرمىسىدە 154 مەھبۇس بار بولۇپ، بۇلاردىن 100 دىن كۆپرەكى ئاچلىق ئېلان قىلىشقا باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن تۇتقۇنلار كامېرلىرىدىن مەجبۇرى ھالدا ئېلىنىپ، بۇرۇنلىرىدىن نەيچە ئارقىلىق ئۇزۇقلاندۇرۇلغان.
كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتكۈچىلىرى بۇ ئىجرائات تۈپەيلى كۆپلىگەن مەھكۇملارنىڭ قاتتىق ئەزىيەت تارتىۋاتقانلىقى ۋە قان قۇسۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە.
بۇ ئارىلىقتا، ئاق ساراي ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق نامايىشىدا، ئوبامادىن گۇئانتانامو تۈرمىسىدىنى تاقىۋېتىشى تەلەپ قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر