ئامېرىكا تايلاندتىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشكە نارازىلىق بىلدۈ

تايلاندتا ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن تۇنجى نارازىلىق ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن كەلدى

71757
ئامېرىكا تايلاندتىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشكە نارازىلىق بىلدۈ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تايلاندتا ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن تۇنجى نارازىلىق ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن كەلدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى جون كېرى، ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇدەك ھېچقانداق بىر سەۋەبنىڭ يوقلۇقىنى، ۋاشىنگىتون تايلاندقا بېرىپ كېلىۋاتقان ياردەملەرنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلغان كېرى، تايلاند باش ئىشتاب باشلىقىنىڭ ئاساسىي قانۇننى توڭلىتىپ قويۇپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغانلىقىدىن تولىمۇ ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
تايلاندنىڭ سىياسىي رەھبەرلىرىنىڭ قولغا ئېلىنىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن كېرى، سىياسىيونلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ۋە پۇقراۋى ھاكىمىيەت باسقۇچىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى.
كېرى، تايلاندتا ئاخبارات ئەركىنلىكى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە قاناللىرىنىڭ ئىشقا سېلىنىشى ۋە مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈلۈشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
باياناتتا، ۋاشىنگىتون تەرىپىدىن تايلاندقا بېرىلىۋاتقان ھەربىي ۋە پۇقراۋى ياردەملەرنىڭ قانۇن - بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن كۆزدىن كەچۈرۈلىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر