ب د ت بوكو ھارام تەشكىلاتىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى ئالدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، نىگېرىيەدە يېقىندا 300 گە يېقىن قىز ئوقۇغۇچىنى گۆرۈگە ئېلىۋالغان بوكو ھارام تەشكىلاتىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى ئالدى

71777
ب د ت بوكو ھارام تەشكىلاتىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، نىگېرىيەدە يېقىندا 300 گە يېقىن قىز ئوقۇغۇچىنى گۆرۈگە ئېلىۋالغان بوكو ھارام تەشكىلاتىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى ئالدى.
نىگېرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى بوكو ھارام تەشكىلاتىنى ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغان تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.
بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، بوكو ھارام تەشكىلاتىغا قورال - ياراغ ئېمبارگوسى يۈرگۈزۈلىدىكەن، مال - مۈلۈكلىرى توڭلىتىپ قويۇلىدىكەن.
يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا 1500 كىشىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بوكو ھارام تەشكىلاتى، يېقىندا بىر مەكتەپكە بېسىپ كىرىش بىلەن پۈتكۈل دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىغانىدى.
تەشكىلات تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان 270 ئەتراپىدىكى قىز ئوقۇغۇچىلارنى ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئەترەت ئەۋەتكەنىدى.
بۇ ئارىلىقتا، مەكتەپلەرگە قىلىنغان ھۇجۇملار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۆرۈگە ئېلىۋېلىنىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە نۇرغۇنلىغان مەكتەپلەر ئېچىلمىدى.
پايتەخت لاگوستا نامايىش ئۆتكۈزگەن ئوقۇتقۇچىلار گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان قىزلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر