بىرازىلىيەدە ئىش تاشلاش ھەرىكەتلىرى داۋاملاشماقتا

بىرازىلىيە ھېلىھەم ئىش تاشلاش ھەرىكەتلىرىگە قارشى كۈرەش قىلماقتا

71346
بىرازىلىيەدە ئىش تاشلاش ھەرىكەتلىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى چىمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسى يېقىنلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، بىرازىلىيە ھېلىھەم ئىش تاشلاش ھەرىكەتلىرىگە قارشى كۈرەش قىلماقتا.
ئاپتۇبۇس شوپۇرلىرىنىڭ ئىش تاشلىشى نەتىجىسىدە ئېچىلىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدىغان ساۋ پاۋلو شەھرىنىڭ قاتنىشى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى.
ئاممىۋى قاتناش ۋاستىلىرى توختاپ قالغان شەھەردە كوچىلار گويا مەھشەر كۈنىنى ئەسلەتتى.
مىڭلارچە ئىنسان كوچىلاردا قالدى، خەلق ئۆيلىرىگە قايتىش ئۈچۈن مېتروغا قاراپ يۈگرەشتى.
بىراق قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىشىدىن ئەنسىرگەن مەسئۇللار بەزى مېترو ئىستانسىلىرىنى بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ تاقىۋەتتى.
ساۋ پاۋلو 12-ئىيۇندا دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇسابىقىسگە ساھىبخانلىق قىلىدۇ.
شەھەرگە يۈز مىڭلارچە ساياھەتچىنىڭ كېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە. بىراق نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت زور ئەندىشە پەيدا قىلماقتا. بىرازلىيەدە پەقەت ئاپتۇبۇس شوپۇرلىرىلا ئىش تاشلىمىدى.
14 ۋىلايەتتە ساقچىلارمۇ مائاشنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى ۋە خىزمەت شارائىتلىرىنىڭ ياخشىلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ قەرەللىك مۇددەت ئىچىدە 24 سائەتلىك ئىش تاشلاپ كەلمەكتە.
مەملىكەت ئىچىدە بىخەتەرلىك يوقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتقان ساقچىلار، دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
بىرازىلىيە مىقياسىدىمۇ دۇنيا لوڭقىسى چىقىملىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن زوراۋنلىق ۋەقەلىرى يۈز بەرمەكتە، زوراۋنلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ مۇسابىقە جەريانىدىمۇ داۋاملىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر