ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرى يىغىنى شاڭخەيدە باشلى

70417
ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرى يىغىنى شاڭخەيدە باشلى

دۆلىتىمىز دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلىپ، جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈلنىڭ سومادىكى پاجىئە سەۋەبىدىن كېلەلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، گۈلنىڭ سالامىنى يەتكۈزدى. تۈركىيەنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكى مەزگىلىدىكى پائالىيەتلەر توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن داۋۇتئوغلۇ، تۈركىيە ئۈچۈن كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىق ۋە دىيالوگنىڭ كۈچەيتىلىشىنى ‹ئالدىنقى پىلاندىكى ئىش› دەپ تەرىپلىدى.
داۋۇتئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكى مەزگىلىدە ئىشەنچنى كۈچەيتىدىغان تەدبىرلەرنىڭ 5 ساھەگە مەركەزلەشكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇلارنىڭ سىياسىي – ئەسكىرىي، ئىقتىساد، مۇھىت، ئىنسانىي ۋە تېررورلۇق ۋە ئادەم ئەتكەسچىلىكىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. داۋۇتئوغلۇ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئالدىدىكى «باشلىق» دېگەن خەت يېزىلغان لەۋھەنى جۇڭگو دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا ئۆتكۈزۈپ بەردى.
شى جىنپىڭ تۈركىيەگە نۆۋەتچى رەئىسلىكى مەزگىلىدە قىلغان خىزمەتلىرى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىپ، سومادىكى پاجىئەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان كىشىلەر ئۈچۈن تۈرك مىللىتىگە تەزىيە بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە «سەمىمىي ۋە چوڭقۇر مۇزاكىرىلەر ئارقىلىق ئۆزئارا ئىستراتېگىيەلىك ئىشەنچنىڭ ئاشۇرۇلۇشى، ئەندىشىلەرنىڭ ئازايتىلىشى، ئورتاق نۇقتىلارنى تېپىپ چىقىپ ئوخشىماسلىقلارنىڭ بىتەرەپ قىلىنىشى ۋە مۇناسىۋەتلەرنىڭ تىنچلىق ئىچىدە داۋاملاشتۇرۇلۇشى» توغرۇلۇق چاقىرىق قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر