ئوباما، پولشا، بېلگىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق ئەللەردە زىيارەتتە

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما ئىيۇن ئېيىدا پولشا، بېلگىيە ۋە فىرانسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

62059
ئوباما، پولشا، بېلگىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق ئەللەردە زىيارەتتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما ئىيۇن ئېيىدا پولشا، بېلگىيە ۋە فىرانسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ؛ ئاق ساراي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئوباما پولشانىڭ پايتەختى ۋارشوۋادا ئايرىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزىدۇ ۋە دۇنيانىڭ باشقا ئەللىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە پولشادا كومۇنىزمنىڭ ئاخىرلىشىشىنىڭ 25- يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ.
پولشادىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن بىريۇسسېلغا ئۆتىدىغان ئوباما، ئۇ يەردە 4 ۋە 5- ئىيۇن كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان تەرەققىي تاپقان 7 دۆلەت گوروھى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ. يىغىندا ئىقتىساد، بىخەتەرلىك ۋە تەرەققىيات بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئورتاق مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغان رەھبەرلەر، بۇنىڭدىن باشقا 24 – مارتتا لاھەيدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇكرائىنا بىلەن مۇناسىۋەتلىك يىغىننىڭ داۋامى ئېچىلىدۇ.
رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان تەرەققىي تاپقان 8 دۆلەت گوروھى يىغىنى رۇسىيەنىڭ قىرىمنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشىدىن كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بىريۇسسېلدا تەرەققىي تاپقان 7 دۆلەت گوروھى نامى ئاستىدا چاقىرىلىشى قارار قىلىنغانىدى. ئوباما بىريۇسسۇلدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن فىرانسىيەگە ئۆتۈپ، ئۇ يەردە نورماندىيەگە يۈرۈش قىلىشنىڭ 70- يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر