سەدىقە جارىيە (ئاۋازلىق)

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۇمە خۇتبىلىرى/ 33 - 2018

1034459
سەدىقە جارىيە (ئاۋازلىق)

 

ئەزىز مۇئمىن قېرىنداشلار! جۈمە كۈنىڭلار مۇبارەك بولسۇن!

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:

«سەدىقە بەرگۈچى ئەرلەرگە، سەدىقە بەرگۈچى ئاياللارغا ۋە ئاللاھقا قەرزىي ھەسەنە بەرگۈچىلەرگە بەدىلى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇپ بېرىلىدۇ. ئۇلارغا يەنە كاتتا مۇكاپات بار»[1]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس - شەرىپتە مۇنداق دەيدۇ:

«قىيامەت كۈنى مۆئمىننىڭ سايىزارلىقى، ئۇ بەرگەن سەدىقىدۇر»[2]

ئەزىز قېرىنداشلار! قول ئىلكىمىزدىكى پۈتۈن نېئمەتلەر ئاللاھنىڭ بىزلەرگە بەرگەن لۇتفى ۋە ئامانىتىدۇر. بۇ نېمەتلەر ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ھەممىمىزگە نىسبەتەن بىر ئېمتىھاندۇر. رەببىمىزنىڭ بىزلەر ئۈچۈن ياراتقان نېئمەتلىرىنى ئۇنىڭ رازىلىقى يولىدا ئىشلىتىش[3]، تەقۋالىق ئىڭى بىلەن قوراللىنىش[4]نىڭ مۇھىم تەقەززاسىدۇر. ياخشىلىققا سازاۋەر بولۇشنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان شەرتىدۇر. شۇڭا ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە: «سىلەر ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلاردىن (ئاللاھ يولىدا) سەرپ قىلمىغىچە، ھەرگىز ياخشىلىققا ئېرىشەلمەيسىلەر، نېمىنى سەرپ قىلماڭلار، ئاللاھ ئۇنىڭدىن خەۋەرسىز ئەمەس»[5] دەيدۇ.

قەدىرلىك مۆئمىنلەر! سادىقە جارىيە؛ كەلگۈسى ئەۋلادلارمۇ نەسىللەر بويىچە پايدىلىنالايدىغان بىر خەيرىلىك ئىشنى قالدۇرۇپ كېتىشنى بىلدۈرىدۇ. رەببىمىزنىڭ لۇتفى بولغان مال بايلىقىلىرىمىزنى ئىبادەتكە ئايلاندۇرغانلىق، شەخىسەتچىلىك ۋە دۇنياغا ھېرىسمەنلىكنى بىر چەتكە چۆرۈپ تاشلاپ، ساخاۋەت ۋە خەيرى ئېھساننى دوست تۇتقانلىقىمىزدۇر. قول ئىلكىمىزدىكىنى يالغۇز ئۆزىمىز ئۈچۈنلا خىراجەت قىلىپ تۈگىتىشنىڭ ئورنىغا، خەلقنىڭ مەنئەتى ئۈچۈن ئىشلىتىش مەرتلىكنىڭ ئىپادىسى شۇنداقلا ۋاقىتلىق دۇنيا نېمەتلىرىنى ئەبەدىيلىك ھاياتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ۋەسىلە قىلغانلىقىمىزدۇر.

ياخشىلىقىمىز، خەيرى - ئېھسانلىرىمىز ۋە ياردەملىرىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك بولۇشىنى، ساۋابلىرىمىزنىڭ دائىملىق ھالغا كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغىنى دەل سەدىقە جارىيەدۇر. مانا بۇ نۇقتىدىن سادىقە جارىيە، ئەسلىدە بۈگۈنكى كۈندىكىگە ئوخشاش كەلگۈسىدىمۇ ئۆزىمىزگە قىلغان ياخشىلىقىمىز ھېسابلىنىدۇ. 

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:

«مېلىڭلاردىن نېمىنى خەيرى- ئېھسان قىلماڭلار، ئۇ ئۆزەڭلەرنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر. سىلەر پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈنلا خەير- ئېھسان قىلىسىلەرغۇ! مېلىڭلاردىن نېمىنى خەيرى- ئېھسان قىلماڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭ بەدىلى تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەرگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ»[6]

دېمەك، كەلگۈسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن بېغىشلانغان ھەر تۈرلۈك ياخشىلىق ھەرىكىتى بۇ دۇنيادا بولغانغا ئوخشاش ئاخىرەتكىمۇ مەبلەغ سالغانلىقىمىز بولىدۇ.

ئەزىز قېرىنداشلار! سەدىقە جارىيە زامان ۋە ماكان بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغان خەيرى ئېھساندۇر. سادىقە جارىيە ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ئەمەل دەپىتىرىمىزنىڭ يېپىلىپ قالماسلىقىنى ئارزۇ قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:

«ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىن 3 ئىشتىن باشقا ئەمەللىرى توختىغان بولىدۇ. سادىقە جارىيە يەنى پايدىسى ئۈزۈلۈپ قالماي داۋاملىشىۋاتقان خەيرى ئېھسان. ئومۇمغا مەنپەئەت بېرىۋاتقان ئىلىم ۋە ئۇ كىشىگە دۇئا قىلىدىغان خەيرىلىك ئەۋلاد»[7]

ئەزىز قېرىنداشلار! ئىسلام مەدەنىيەتى ئەسىرلەردىن بېرى خەيرى ئېھسان ۋە گۈزەللىكلەرنىڭ ياخشلىق ۋە پەزىلەتنىڭ باشلامچىسى بولۇپ كەلمەكتە. ئەجدادلىرىمىزنىڭ سادىقە جارىيە نىيىتى بىلەن ياساتقان نى نى جامەلىرى، چەشمە، دوختۇرخانا، كۈتۈبخانا، كۆۋرۈك ۋە مەكتەپلىرى بۈگۈنكى كۈندىمۇ تۇرمىشىمىزدا ياخشىلىقنىڭ جانلىنىشىغا ۋەسىلە بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئاللاھقا ھەمدۇ سانالار بولسۇنكى، مىللىتىمىز بىر تەرەپتىن ئەجدادىنىڭ يادىكارلىقىلىرىنى قوغداشقا تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن كەلگۈسىگە مەڭگۈلۈك ئەسەرلەرنى قالدۇرۇش ئېڭى بىلەن ھەرىكەت قىلماقتا. ساداقەت، سەمىمىيەت، مۆتىدىللىق ۋە پاراسەتلىك خىراجەتنىڭ ئۈلگىسى بولغان سەدىقە جارىيەگە نىسبەتەن سەزگۈرلۈك بىلەن پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلمەكتە. بۇ ئەزىز مىللىتىمىزنىڭ پىداكار، ساخاۋەت قولى يالغۇز مەملىكەت ئىچىگىلا ئەمەس، دۇنيانىڭ ھەممىلا ئەتراپىغا ياخشىلىقنى يايماقتا. ئىسلامنىڭ نامايەندىسى بولغان ئەزانىمىز يەر يۈزىگە دولقۇنمۇ دولقۇن كېڭىيىپ ياڭرايدىغان، ئۈممىتىمىز ئوخشاش بىر گۈمبەز ئاستىدا ۋە ئوخشاش بىر سەپتە مۇرىنى مۇرىگە تىرەپ نامازغا تۇرىدىغان مىڭلارجە جامىمىز، مىللتىمىزنىڭ غەيىرىتى بىلەن ياسىلىپ پۈتمەكتە. سەدىقە - ئېھساننىڭ بەرىكىتىگە چىن يۈرەكتىن ئىشىنىدىغان مىللىتىمىز قانداقلا چاغدا قىيىن ئەھۋاللارغا دۈچ كەلسە، مانا بۇ جامەلىرىمىز ئەزانلىرى ئارقىلىق مەدەتكار بولماقتا.

بىرىلىكىمىز، باراۋەرلىكىمىز ۋە قېرىنداشلىقىمىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش رولىنى ئويناۋاتقان جامەلىرىمىز ياخشى كۈنلەردىكىگە ئوخشاش يامان كۈنلەردىمۇ بىزلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، قەلبىمىزگە ئىمان، شەھەرلىرىمىزگە خاتىرجەملىك بەخش ئېتىدىغان مۇبارەك ماكانلىرىمىز بولۇپ كەلمەكتە. تارىخ بويىچە ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىنى ياساشنى ئۆزىگە شەرەپ بىلىپ كەلگەن مىللىتىمىزگە نىسبەتەن جامىمىزنىڭ ئەزانسىز، ۋەتەنسىز ۋە بايراقسىز قالماسلىقى ئەڭ كاتتا تېلەكتۇر. بۈگۈنمۇ سىلەرنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ياسىلىۋاتقان جامىلىرىمىزنى ياردەمسىز قويماسلىقىڭلارغا تولۇق ئىشىنىمىز. ئۈمىدىمىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «كىمكى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن بىر مەسجىد ياسىسا ياكى ياساتسا، ئاللاھمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن جەننەتتە بىر ئۆي ياسايدۇ»[8] دېگەن خۇشخەۋىرىگە نائىل بولۇشتىن ئىبارەتتۇر.

ئاللاھ ھەممىمىزنى ھەر ئىككى دۇنيادا ساۋابى ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان مەقبۇل خىزمەتلەرگە نىسىپ قىلىسۇن ئامىن!

 


[1]  - سۈرە ھەدىد، 18ئايەت

[2]  - ئىبنى ھەنبەل، 4جىلد 233ھەدىس

[3]  - سۈرە بەقەرە، 3 ئايەت

[4]  - ئال ئىمران، 134 ئايەت

[5]  - سۈرە ئال ئىمران، 92ئايەت

[6]  - سۈرە بەقەرە، 272ئايەت

[7]  - مۇسلىم، ۋەسىيەت بابى، 14ھەدىس

[8]  - مۇسلىم، زۇھد بابى، 44 - ھەدىس



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر