تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۈمە خۇتبىلىرى (01)

«سىراتەل مۇستەقىم»دە، خەيرىلىك ئىشلارغا ۋە گۈزەللىكلەرگە ئاچقۇچ، يامانلىقلارغا قۇلۇپ بولۇش بار. ئىنساننى ئېتېبارسىزلاشتۇرۇش ئەمەس، ئۈستۈن قىلىش بار.

424202
تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۈمە خۇتبىلىرى (01)

رەببىمىز! بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۈمە خۇتبىلىرى (01)

ئەزىز قېرىنداشلار!
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە «ھېچ شۈبھىسىزكى، مانا بۇ مېنىڭ توغرا يولۇمدۇر، ماڭا ئەگىشىڭلار، باشقا يوللارغا ئېزىپ يۈرمەڭلار، ئۇلار سىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ گۇناھلاردىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن مانا مۇشۇنداق نەسىھەت قىلىدۇ» دەيدۇ. (سۈرە ئەنئام 175 – ئايەت)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىس شەرىپىدە «سۆزلەرنىڭ ئەڭ توغرىسى ئاللاھنىڭ كىتابىدۇر. يتەكچىلىكنىڭ ئەڭ ياخشىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېتەكچىلىكىدۇر» دېيىلىدۇ. (نەسائىي)
بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇز بىر سېزىقىنى سېزىپ، «مانا بۇ ئاللاھنىڭ توغرا يولىدۇر» دېدى. ئاندىن بۇ سىزىقنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىگىمۇ باشقا سىزىقلارنى سىزدى ۋە: «بۇلار توغرا يولىنىڭ سىرتىدىكى يوللاردۇر، بۇ يوللارنىڭ ھەر بىرىنىڭ بېشىدا ئىنسانلارنى شۇ تەرەپكە چاقىرىدىغان شەيتانلار باردۇر» دېدى. ئاندىن «ھېچ شۈبھىسىزكى، مانا بۇ مېنىڭ توغرا يولۇمدۇر، ماڭا ئەگىشىڭلار، باشقا يوللارغا ئېزىپ يۈرمەڭلار، ئۇلار سىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ گۇناھلاردىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن مانا مۇشۇنداق نەسىھەت قىلىدۇ» (سۈرە ئەنئام 175 – ئايەت) دېگەن ئايەتنى ئوقىدى. (دارمى)
ئەزىز قېرىنداشلار !
ئاللاھنىڭ «توغرا يولى» بولغان ۋە بىز دائىم دۇئالىرىمىزدا تەكرارلايدىغان «سىراتەل مۇستەقىم»نى ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىز بىزگە مانا شۇنداق چۈشەندۈرۈپ بەرگەن ئىدى. ئەسلىدە بۇ يولنىڭ يولۇچىسى بولۇشنىڭ تەقەززاسى، شۈبھىسىزكى، ھەقىقىي مۆئمىن بولۇش، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ تەلىماتلىرىغا ھەر دائىم ساداقەت بىلەن ۋە چىن يۈرەك بىلەن ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ قويغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېچقانداق ئەغرى – بۈگرىسى بولمىغان، ئازغۇنلۇقتىن خالىي يولدا يۈرگەن يولىچىنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە شاتلىق ۋە خاتىرجەملىككە ئېرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. باشقا يوللارنىڭ بولسا، ئىنساننى «سىراتەل مۇستەقىم»، يەنى توغرا يولدىنلا ئەمەس، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە پەرۋەردىگارىنىڭ رىزالىقىدىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېزىدىن، يارىتىلىش غايىسىدىن تېخىمۇ مۇھىمى بارلىق ئىنسانىي پەزىلەتلىرىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇپ قويىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرگەن ئىدى.
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار!
«سىراتەل مۇستەقىم» قۇرئاننىڭ يولىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدۇر. ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىسىدىن بىر دەممۇ ئايرىلماي، ساداقەتنىڭ سېمۋولىغا ئايلانغانلارنىڭ يولىدۇر. «سىراتەل مۇستەقىم» شېھىتلەرنىڭ، سالىھلارنىڭ، ئىلاھىي رەھمەت ۋە پەزىلەتلەرنى تەلەپ قىلىدىغانلارنىڭ يولىدۇر. بۇ يول «سۆزلەرنىڭ ئەڭ توغرىسى ئاللاھنىڭ كىتابىدۇر. يتەكچىلىكنىڭ ئەڭ ياخشىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېتەكچىلىكىدۇر» (نەسائىي) دېگەن ھەدىس شەرىپىنى پۈتۈن ھاياتى بويى ئۆزگەرمەس پىرىنسىپ سۈپىتىدە قوبۇل قىلغانلارنىڭ يولىدۇر.
«سىراتەل مۇستەقىم»نىڭ سىرتىدىكى يوللار بولسا، شەيتان چاقىرىۋاتقان يوللار بولۇپ، بۇ يوللار خاتا ئارزۇ – ھەۋەسلەرنىڭ، نەپرەت ۋە ئاداۋەتلەرنىڭ، پىتنە – پاسات ئايرىمچىلىقلارنىڭ، سەخسىيەتلچىلىك ۋە پۇرسەتۋازلارنىڭ يولىغا ئېلىپ بارىدۇ.
ئەزىز قېرىنداشلار!
«سىراتەل مۇستەقىم»دە، بىر ئاللاھقىلا قوللۇق قىلىش بار. ھاياتنى ئۇنىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىگە كۆرە رەتكە سېلىش بار. ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى سۆيۈش ۋە ئۇنىڭغا چىن قەلبى بىلەن ئەگىشىش بار. ئۇنىڭغا ئوخشاش توغرا، دۇرۇس، ئامانەتدار ۋە ئالىي ئەخلاق پەزىلەتلىك بولۇش بار.
«سىراتەل مۇستەقىم»دە، خەيرىلىك ئىشلارغا ۋە گۈزەللىكلەرگە ئاچقۇچ، يامانلىقلارغا قۇلۇپ بولۇش بار. «سىراتەل مۇستەقىم»دە، ئىنساننى ئېتېبارسىزلاشتۇرۇش ئەمەس، ئۈستۈن قىلىش، ئۆلتۈرۈش ئەمەس، ياشىتىش بار.
«سىراتەل مۇستەقىم»دە، چەتكە قېقىش ئەمەس، باغرىغا بېسىش، مەن ئەمەس، بىز بولۇش، پارچىلىنىپ يوق بولۇش ئەمەس، بىر ۋە باراۋەر بولۇش، ئوخشاش بولمىغان رەڭ ۋە تەنگە ئىگە كىشىلەرنى ئۇلۇغ ياراتقۇچى ئاللاھۇ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالانىڭ بىر ئايىتى قاتارىدا كۆرۈش بار.
«سىراتەل مۇستەقىم»دە، يالغان ۋە ھەر تۈرلۈك ھېلە – نەيرەڭ ئەمەس، توغرا، دۇرۇستلۇق، مەردانىلىق، مۇقىم مەيدانلىق بولۇش بار. «سىراتەل مۇستەقىم»دە زوراۋانلىق، زۇلۇم/ تېررورلۇق ئەمەس، شەپقەت، مېھرى – مۇھەببەت ۋە ئادالەت بار. باتىل ۋە ئورۇنسىز داۋالارنىڭ ئارقىدىن سورۇلۇپ كېتىش ئەمەس، ھەق ۋە ھەققانىيەتكە ئەگىشىش بار.
ئەزىز قېرىنداشلار!
دەۋرىمىز مانا بۇ بارلىق مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «سىراتەل مۇستەقىم» دىن ئۇزاقلاشقانلىقى ئۈچۈن دۇنيايىمىز ۋە قەلب يۈرتىمىزنى قورقۇنچ، دەرت -ئەلەم، كۆز يېشى، خاتىرجەمسىزلىك قاپلاپ كەتتى. «سىراتەل مۇستەقىم»دىن ئۇزاقلاشقانلىقى ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈندە ئاسمىنىمىز قانچىلىغان رەھىمسىزلىكلەرگە، زېمىنىمىز قانچىلىغان ۋىجدانسىزلىقلارغا شاھىت بولماقتا. «سىراتەل مۇستەقىم» دىن ئايرىلىپ قالغانلىقى سەۋەبىدىنلا دۇنيادا مىليونلىغان ئىنسان ئۆي – ماكان، يۇرت - ۋەتەنلىرىدىن قاچماقتا. ئاچلىق، نامراتلىق ئىچىدە ھاياتىدىن ئايرىلماقتا. «سىراتەل مۇستەقىم» دىن ئايرىلىپ قالغانلىقى سەۋەبىدىنلا بۈگۈنكى كۈندە ئايرىمچىلىق ۋە چەتكە قېقىش قىلمىشلىرىغا مۇبتىلا بولۇپ، تەپرىقچىلىق قىلىشماقتا. قېرىنداشلىق، مېھرى – مۇھەببەت، ئادالەت، ھەق ۋە ھاققانىيەتنىڭ چاقىرىقلىرى يۈزەكى ۋە ئېتىبارسىز قالماقتا. ھەتتا مەزھەپ، پىرقە تىل ۋە ئىرق، چۇغراپىيەگە بولغان تەۋەلىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئىسلام ۋە ئۈممەتكە بولغان تەۋلىكىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتمەكتە. ئاللاھنىڭ ئىنسانغا بەخش ئەتكەن ئورۇن، مەرتىۋە، سالاھىيەت ۋە ئەزىزلىك دۇنيانىڭ نۇرغۇن يېرىدە كۈنسىرى ئاياق ئاستى قىلىنماقتا.
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار!
شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىمكى، نىجاتلىقىمىز، خاتىرجەملىك ۋە شاتلىقىمىز رەببىمىزنىڭ بىزلەرگە ئۆز كىتابى ۋە پەيغەمبىرى ئارقىلىق تەلىم بەرگەن «سىراتەل مۇستەقىم» دە، توغرا يولدا مۇستەھكەم تۇرۇپ، ئېزىقماسلىق، بۇ يولدا ھارماي - تالماي قەتئىيىلىك بىلەن يۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇشىمىزغا باغلىقتۇر. نىجاتلىقىمىز، خاتىرجەملىك ۋە شاتلىقىمىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەڭداشسىز ئۈلگىلىك ئەمەللىرىدىن ئايرىلماي، ئۇنىڭ بىزگە ئۆگەتكەن ئۇلۇغۋار قىممەت قاراشلىرىغا مەھكەم ئېسىلغان چېغىمىزدىلا ئاندىن مۇمكىن بولىدۇ.
خۇتبىمىزنى ھەر كۈنى نامازدا ئوقۇيدىغان ۋە ئاللاھقا بولغان ئىتائىتىمىز، سادىقىتىمىز ۋە تىلەكلىرىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈرە فاتىھەنىڭ مۇنۇ ئايەتلىرى بىلەن ئاخىرلاشتۇرماقچىمىز.
ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز، بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن. سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا، غەزىپىڭگە يولۇقمىغان ۋە ئېزىپ كەتمىگەنلەرنىڭ يولىغا (باشلىغىن). (سۈرە فاتىھە 5-7 ئايەتلىرى)
ئامىن!!!



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر