20.08.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1694323
20.08.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: فىرانسىيەنىڭ «لې فىگارو» گېزىتى، فىرانسىيەنىڭ ماراكەش بىلەن ئالجىرىيەنى كوۋىد – 19  قىزىل تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. (فىرانسىيە دائىرىلىرى «قورقۇنچلۇق ۋىرۇسلار ئاكتىپ تارقىلىۋاتقان دۆلەتلەر» دپە قاراۋاتقان دۆلەتلەر تىزىملىكى).

فىرانسىيەنىڭ «فىرانس-24» خەۋەرلەر قانىلى، فرانسىيەدە يېڭى ئوقۇش يىلى باشلىنىشقا ئىككى ھەپتە قالغان مۇشۇ كۈنلەردە كوۋىد – 19 دېلتا ۋارىيانتىغا بولغان ئەندىشىنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

فىرانسىيەنىڭ «لې موندې» گېزىتى، ئوت ئۆچۈرگۈچىلەرنىڭ فىرانسىيەنىڭ ۋار رايونىدىكى ئوت ئاپىتى توغرىسىدا بايانات بېرىپ، جۈمەدىن يەكشەنبە كۈنىگىچە بولغان جەرياننىڭ «خەتەرلىك» بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى يازدى.

ئىيوردانىيەدە چىقىدىغان «ئەددۇستۇر» گېزىتى، 7 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ، تالىبانلارنى ئافغانىستاندىن ئايرىلىشنى خالايدىغانلارغا بىخەتەر يول ئېچىپ بېرىشكە چاقىرغانلىقىنى يازدى.

لوندوندا ئەرەب ۋە ئىنگلىز تىللىرىدا نەشر قىلىنىدىغان «ئەلقۇددۇس ئەلئەرەبى» گېزىتى، ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشىقنىڭ ئەتراپىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قاتارنىڭ «ئەلجەزىرە» قانىلى تورى، ياۋروپانىڭ يېڭى ئافغانىستاندىكى ئەندىشىسىنىڭ رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ تەسىرى، زەھەرلىك چېكىملىك​​، مۇساپىرلار ۋە تېررورلۇقتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئانالىزىنى كۆرۈرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

رۇسىيەنىڭ «ئىزۋېستىيا» گېزىتى،  ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قارارى سەۋەبىدىن، رۇسىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ ئافرىقانىڭ شىمالىي دېڭىز قىرغىقىدىكى سېۋتا پورتىغا كىرىشىگە يول قويۇلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

رۇسىيەنىڭ «تاسس» خەۋەر ئاگېنتلىقى، رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن فېدېراتىپ گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېلنىڭ بۈگۈن موسكۋادا ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقى ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلىشىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ پۇتىن بىلەن مېركېلنىڭ يۇقۇم باشلانغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق يۈزتۇرانە ئۇچرىشىشى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى يازدى.

رۇسىيەنىڭ RBK تورى، رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى (FSB)نىڭ ياپونىيە ئالاھىدە خادىملىرىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوۋېت ئىتتىپاقى پۇقرالىرىغا بىيولوگىيەلىك قورالنى قانداق سىناق قىلغانلىقىغا دائىر ھۆججەتلەرنىڭ  مەخپىيەتلىك بەلگىسىنى بىكار قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

گېرمانىيەنىڭ «RTL» تورى، ئافغانىستاندىن كەڭ كۆلەملىك كۆچمەن ئېقىنىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش ئېھتىماللىقىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدە ۋەھىمە ۋە بۆلۈنۈش پەيدا قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مائاسنىڭ، ياۋروپانىڭ ۋاشىنگىتونغا تايىنىشچانلىقىنى ئازايتىش كېرەك، دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ يەنە بىر خەۋىرىدە، باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ بايانات بېرىپ، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ ماربۇرگدىكى BioNTech ۋاكسىنى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنى زىيارەت قىلغاندا پىروفېسسور دوكتور ئۇغۇر شاھىن بىلەن ئۆزلەم تۈرەچىگە رەھمەت ئېيتقانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئاڭلىغۇچىلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئىسپانىيەنىڭ «ئېل پائىس» گېزىتى، ئىسپانىيەنىڭ ئافغانىستانلىق پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى باشقا دۆلەتلەرگە ئەۋەتىشتىن بۇرۇن قوبۇل قىلىشقا باشلايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ۋېنېسۇئېلادا چىقىدىغان «تېلېسۇر» گېزىتى، ئارگېنتىنا ھۆكۈمىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىنىڭ 45.5 پىرسەنت ئۆستۈرۈلۈشىنى تەستىقلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

كۇبانىڭ «پرېنسا لاتىنا» گېزىتى، بىرازىلىيەنىڭ ئافغانىستاندىن كەلگەن مۇساپىرلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ۋىزىسى بېرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر