13.08.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1690460
13.08.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: لوندوندا ئەرەب ۋە ئىنگلىز تىللىرىدا نەشر قىلىنىدىغان «ئەلقۇددۇس ئەلئەرەبى» گېزىتى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ دىپلوماتلىرىنى كابۇلدىن تارقاقلاشتۇرۇش ۋە ئۇلارنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن رايونغا ۋاقىتلىق 3000 ئەسكەر ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

قاتارنىڭ «ئەلجەزىرە» قانىلى، تالىباننىڭ غەزنە ۋىلايىتىنى قولغا كىرگۈزۈپ كابۇلغا يېقىنلاشقانلىقىنى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھەربىي يۈرۈشلەرنى توختىتىشى بەدىلىگە ھوقۇقنى بۆلۈشۈش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى يازدى.

ئىيوردانىيەدە چىقىدىغان «ئەددۇستۇر» گېزىتى، رۇسىيەنىڭ «سپۇتنىك ۋاكسىنىسىنىڭ دېلتا ۋارىيانتىدىن %83 قوغدايدىغانلىقى»نى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «فوكۇس.دې» تورى، تالىباننىڭ ئىلگىرىلەشنى داۋاملاشتۇرۇشىدىن كېيىن گېرمانىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ گېرمانلارنى ئافغانىستاندىن دەرھال چىقىپ كېتىشكە چاقىرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «شپىئېگېل.دې» تورى، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېيكو مائاسنىڭ «تالىبان دۆلەتنى تولۇق قولغا كىرگۈزسە، ئافغانىستانغا بىر سىنىتمۇ بېرىلمەيدۇ» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

گېرمانىيەنىڭ «فىرانكفورتېر ئالگېمېين زېيتوڭ» گېزىتى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تالىبان بىلەن سۆزلىشىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەنىڭ «ئېل مۇندو» گېزىتى، ئىسپانىيەنىڭ ۋاكسىنىسىنىڭ كېچىكمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: « ئاقسىل پەيدا بولۇش مۇمكىن بولغان يېڭى ۋارىيانتلارغا قارشى تۇرالىشى مۇمكىن» دەپ يازدى.

مېكسىكانىڭ «لا جورنادا» گېزىتى، ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرونىڭ ئۆكتىچىلەر بىلەن كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى: «بىز قارا چاپلاشنى قوبۇل قىلمايمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

پېرونىڭ «ئېل كومېرسىئو» گېزىتى، بولىۋىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ئېۋو مورالېسنىڭ كوۋىد – 19 نىڭ «بىئولوگىيىلىك ئۇرۇشنىڭ بىر قىسمى» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى يازدى.

رۇسىيەنىڭ «رىئا نوۋوستى» ئاگېنتلىقى، ۋورونېجدىكى بېكەتتە ساقلاۋاتقان بىر ئاپتوبۇسنىڭ پارتلاپ 1 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 19 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «تاسس» خەۋەر ئاگېنتلىقى، رۇسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ بېلورۇسىيەدىكى سابىق باش ئەلچىسى ئىسفاندىيار ۋاھاپزادەنىڭ رۇسىيەگە 50 يىل كىرىشىنى چەكلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

رۇسىيەنىڭ «بۈگۈنكى رۇسىيە» خەۋەرلىرى تورى، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇنىڭ خىتاي مەنسەپدىشى ۋېي فېڭخې بىلەن كۆرۈشكەندە، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى يازدى.

فىرانسىيەنىڭ «لې پارىسىئېن» گېزىتى، فىرانسىيەنىڭ تېمپىراتورانىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئىسسىق تۈپەيلى ھازىرمۇ 5 رايوندىكى سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى ئەمەلدىن قالدۇرمىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەنىڭ «لې موندې» گېزىتى، ئالجىرىيە خەلقىنىڭ قابىلىيە رايونىنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتقان دالا ئوت ئاپەتلىرى ئالدىدا ئامالسىز قېلىۋاتقانلىقىنى، «ئوت ئاپىتىنىڭ بۇ قېتىم تىزگىنلىگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە» ئىكەنلىكىنى يازدى.

فىرانسىيەنىڭ «لې فىگارو» گېزىتى، ئىسرائىلىيە بىلەن ماراكەشنىڭ ئۆزئارا ئەلچىخانا ئاچىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر