10.08.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1688574
10.08.2021

قاتاردا چىقىدىغان «‹ئەررايەل قەتەرىييە› گېزىتى»، تۈركىيەدىكى ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئۆچۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئوماندا چىقىدىغان «‹ئەلۋەتەن› گېزىتى»، خىتاينىڭ كوۋىد-19 چەكلىمىسى سەۋەبىدىن خام نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىراقتا چىقىدىغان «‹ئەززامان› گېزىتى»، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كېلىمات ئۆزگىرىشىگە دائىر ئەڭ خەتەرلىك دوكلاتى «دۇنيا غەرق بولۇۋاتىدۇ» نى ئېلان قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹لا ۋانگاردىيا› گېزىتى»، ئىسپانىيەدىكى %60 ئاھالىنىڭ كوۋىد -19 ۋاكسىنىسىنىڭ ئىككىنچى مىقدارى بىلەن ئەملىنىپ بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹ئېل مۇندو› گېزىتى»، بارسېلونا كوماندىسىنىڭ مېسسىدىن ۋاز كەچكەندىن كېيىن چۆچۈپ كەتكەن تۇرۇغلۇق ھازىرمۇ تۆت توپ ماھىرىنىڭ ئىمزاسىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «‹ئىنفوبا› گېزىتى»،  كانادا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى (UNICEF) نىڭ كۇباغا سەھىيە كرىزىسىنى پەسەيتىشى ئۈچۈن دورا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ ‹tagesschau.de› خەۋەرلەر تورى»، گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىتسوتاكىسنىڭ ئوت ئۆچۈرۈشتىكى مەغلۇبىيىتى سەۋەبىدىن كەچۈرۈم سورىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، گېرمانىيە ساياھەت جەمئىيىتى (DRV) نىڭ ئوت ئاپىتى رايونلىرىغا پىلانلانغان ساياھەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئىلتىماسىنىڭ يوق دېيەرلىك دەرىجىدە ئازلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەدە چىقىدىغان «‹Tagesspiegel› گېزىتى»، ب د ت نىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 2030-يىلغىچە يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىنىڭ 1.5 گرادۇسلۇق چەكتىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «‹TASS› ئاگېنتلىقى،  رۇسىيەنىڭ تەڭتوشلۇق پىرىنسىپى ئاساسىدا بىر قىسىم ئەنگىلىيە پۇقرالىرىنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى چەكلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «‹RIA Novosti› ئاگېنتلىقى»، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ياپونىيەنى رۇسىيە ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى نامايىشلارغا كۆز يۇمۇش بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «<Lenta.ru> خەۋەرلەر تورى»، بېلورۇسىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندېر لۇكاشېنكونىڭ پات يېقىندا ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹لې فىگارو›  گېزىتى»، ئامېرىكانىڭ كوۋىد-19 سەۋەبىدىن ئۆز پۇقرالىرىنى فىرانسىيەگە ساياھەتكە بارماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەنىڭ «‹France 24› تېلېۋىزىيە قانىلى»، كوۋىد -19 سەۋەبىدىن مارتىنىكتا «ئىككىنچى قېتىملىق تاقىلىش دەۋرى» باشلانغانلىقىنى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ئارالدىن ئايرىلىشقا چاقىرىق قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹ئازادلىق›  گېزىتى»، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ ئىراننىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسىنى يادرو پائالىيەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر