04.08.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1685388
04.08.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئىيوردانىيەدە چىقىدىغان «ئەددۇستۇر» گېزىتى، ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللاھ ئىككىنچىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۆلىتىنى قوللىغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

لوندوندا ئەرەب ۋە ئىنگلىز تىللىرىدا نەشر قىلىنىدىغان «ئەلقۇددۇس ئەلئەرەبى» گېزىتى، ئالجىرىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا كۈزەتكۈچى ئەزا سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشىغا رەسمىي قارشى چىققانلىقىنى يازدى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەررايە ئەلقاتارىييە» گېزىتى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈركىيەنىڭ دالا ئوت ئاپەتلىرىگە قارشى كۈرەشلىرىنى قوللىغان قاتار ۋە باشقا دۆلەتلەرگە رەھمەت ئېيتقانلىقىنى يازدى.

گېرمانىيەنىڭ «BR24.de» تورى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئوت ئاپەتلىرىگە قارشى كۈرىشىنى قوللايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «تاگېششاۇ.دې» گېزىتى، (گېرمانىيەدىكى) يېشىللار پارتىيەسىنىڭ سايلامدا غەلىبە قىلىپ قالغان تەقدىردە، ھۆكۈمەت قارمىقىدا «كىلىمات قوغداش مىنىستىرلىقى» دېگەن نامدا بىر مىنىستىرلىق تەسىس قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

گېرمانىيەنىڭ «فىرانكفورتېر ئالگېمېين زېيتوڭ» گېزىتى، گېرمانىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ھەقسىز يۇقۇم تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنى ئۆكتەبىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەۋسىيە قىلغانلىقىنى يازدى.

ئىسپانىيەنىڭ «ئېل پائىس» گېزىتى، كوۋىد – 19  يۇقۇمىغا قارىماي، ئىسپانىيەنىڭ 7- ئايدا 19 مىليون 590 مىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت ئەزاسى بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش رېكورتىنى بۇزغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەنىڭ «El Periódico» گېزىتى، كاتالونىيەنىڭ چارشەنبە كۈنىدىن باشلاپ 12 ياشتىن 15 ياشقىچە بولغان بالىلارغا كوۋىد – 19 ۋاكسىنىسى ئەملەشنى باشلىغانلىقىنى يازدى.

ئىسپانىيەنىڭ «ئەفە ئاگېنتلىقى»، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ، كۇبانىڭ 11-ئىيۇل نامايىشىدىن كېيىنكى باستۇرۇشلىرىنى ئەيىبلەيدىغان بىر قارارنى بىردەك ئاۋاز بىلەن ماقۇللىغانلىقى ۋە كارىب دېڭىزى دۆلىتى خەلقى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنىڭ سىگنالىنى بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەنىڭ «لې فىگارو» گېزىتى، كورسىكادا بىمارلار ئېقىنىنىڭ كېلىشىگە تەييارلىق كۆرۈش ئۈچۈن دوختۇرخانىلارنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ئاشۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

فىرانسىيەنىڭ «لې موندې» گېزىتى، گۇئادېلوپ ئارىلىدىكى كوۋىد – 19 يۇقۇمى ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن ناچار ئىكەنلىكىنى، شۇڭا كەم دېگەندە ئۈچ ھەپتە بويىچە ھەممىلا يەرنى تولۇق تاقاشنىڭ قارار قىلىنغانلىقىنى يازدى.

رۇسىيەنىڭ «بۈگۈنكى رۇسىيە» خەۋەرلىرى تورى، ئامېرىكانىڭ «دۆلەت مەنپەئەتى» ژۇرنىلىنىڭ، رۇسىيەنىڭ «شىمالىي ئېقىن -2» تۈرىنى تاماملىغاندىن كېيىن ئۇكرائىنانى جازالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇكرائىنا ئارقىلىق گاز توشۇشنىڭ چەكلىك بولىدىغانلىقىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىمىغاچقا، ئۇلارنىڭمۇ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ۋاسىتىلىك رول ئويناشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى يازدى.

رۇسىيەنىڭ «لېنتا.رۇ» خەۋەرلەر تورى، رۇسىيە ئىنسانلار ساغلاملىقى ۋە ئىستېمال ھوقۇقىنى قوغداش تەتقىقات ئورنىنىڭ مەسئۇلى ئاننا پوپوۋانىڭ، رۇسىيەدىكى كوۋىد – 19 يۇقۇمىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋالنىڭ يەنىلا ئېغىر ئىكەنلىكىنى، 7-ئاينىڭ ئاخىرقى ئۈچ ھەپتىسىدە بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ %70 دە ۋىرۇسنىڭ دېلتا ۋارىيانتىنىڭ بايقالغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «ئىزۋېستىيا» گېزىتى، رۇسىيەلىك كاراتې ئاننا چېرنىشېۋانىڭ ۋىرۇستىن يۇقۇملانغانلىقى ئۈچۈن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشالمايدىغانلىقىنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر