03.08.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1684754
03.08.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئۇمماندا چىقىدىغان «ئەلۋەتەن گېزىتى»، بىرازىلىيەلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19)  نىڭ كۆرۈش تور پەردىسىگە يېتىپ بارالايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى ۋە  ۋىرۇسنىڭ ۋاكسىناغا چىداملىق ۋارىيانتىنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىراقتا چىقىدىغان «ئەلزامان گېزىتى»، تېھران ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىگە قارشى قىلىنغان ھەر قانداق ھۇجۇملارغا جاۋاب بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەررايە ئەلقاتارىييە گېزىتى»، كەركىدانلارنىڭ يوق بولۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «شپىيگېل.دې» تورى (Spiegel.de)، گېرمانىيەدە 12 ياشتىن چوڭ بالىلارنىڭمۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسى ئەملىتەلەيدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، گېرمانىيەدە شىركەتلەرنىڭ خىزمەتچىلىرىگە ۋۇخەن ۋىرۇسى ئەملىتىشنى مەجبۇرىي يولغا قويۇشنى ئويلاشمايۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «خاندېلسبلات.دې» تورى (Handelsblatt.de)، گېرمانىيەدە ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە خېرىدارلارنىڭ دىزېل ئاپتوموبىللاردىن ۋاز كېچىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل پائىس گېزىتى» (El Pais)، ئىسپانىيەدە 20 ياشتىن يۇقىرىدىكىلەرنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى بىرىنچى شىشە ۋاكسىناسىنى ئەملىتىپ بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ۋېنېزۇئېلادا چىقىدىغان «ئېل ناشىيونال گېزىتى» (El Nacional)، ۋېنېزۇئېلادا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى ۋاكسىنا ئەملەش خىزمەتلىرىنىڭ نىشان قىلىنغان سەۋىيەدە بولمايۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسيەدە چىقىدىغان «لې فىگارو گېزىتى» (Le Figaro)، يېقىنقى 24 سائەتتە فىرانسىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 51 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 1 مىڭ 232 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «لېنتا.رۇ» تورى، (Lenta.ru)، رۇسىيەنىڭ تۋېر (Tver) رايونىدا شىددەتلىك بوران سەۋەبىدىن ئۈچ كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىپ، 15 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «سپورت-ئېكپرېس.رۇ» (Sport-express.ru)، رۇسىيە ئەرلەر ۋالىبول كوماندىسىنىڭ توكيو ئولىمپىكىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە بىرازىلىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «ر ب ك تېلېۋىزىيەسى» (RBK)، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ رۇسىيەلىك 24 دىپلوماتقا قويغان چېگرادىن چىقىپ كېتىش تەلىپىنىڭ سەۋەبىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ رۇسىيەلىك دىپلوماتلارنىڭ ۋىزىلىرىنىڭ ۋاقتى توشقانلىقى سەۋەبىدىن ئۇزارتىش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنالايدىغانلىقىنى، ئۈچ يىلدا بىر قېتىم ۋىزىنى ئۇزارتىشنىڭ يېڭى بەلگىلىمە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر