30.07.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1682812
30.07.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتاردا چىقىدىغان «ئەررايە ئەلقاتارىييە» گېزىتى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، تۈركىيە قارا چاپلاش ۋە تەھدىتكە باش ئەگمەيدۇ، دېگەن سۆزلىرىگە ئورۇن بەردى.

ئىراقنىڭ «ئەززامان» گېزىتى، ئامېرىكانىڭ پايتەخت باغدادتىكى ئەلچىخانىسى ئەتراپىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئوماندا چىقىدىغان «ئەلۋەتەن» گېزىتى، بەھرەيننىڭ ۋىرۇس سەۋەبىدىن 16 دۆلەت پۇقراسىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە كىرىشىنى چەكلىگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

فىرانسىيەنىڭ «فىرانس-24» خەۋەرلەر قانىلى، سېنېگالدىكى دوختۇرخانىلاردا كوۋىد – 19 نىڭ ئۈچىنچى دولقۇنى سەۋەبىدىن بىمارلار زىچلىقى كۆرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى كۆرۈرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

فىرانسىيەنىڭ «لې ماتىن» گېزىتى، فىرانسىيەدە ساختا كوۋىد ۋاكسىنا ئەملەش ئىسپاتى سودىسى قىلغان بىر كىشىنىڭ بىر يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەنىڭ «لې فىگارو» گېزىتى، بىر تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ، تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ ئۈچتىن بىرىنىڭ كېيىنكى يىلى قايتا جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى يازدى.

گېرمانىيەنىڭ «زدف.دې» تورى، گېرمانىيەدىكى بىر خىمىيەلىك زاۋۇتنىڭ قاتتىق تاشلاندۇق ماددىلارنى كۆيدۈرۈش مەيدانىدىكى پارتلاشتا قازا قىلغانلار سانىنىڭ  بەشكە يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «ard.de» تورى، گېرمانىيەدە 7- ئايدا پۇل پاخاللىقىنىڭ يېقىنقى 13 يىلنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەنلىكىنى ۋە ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا % 3.8 ئاشقانلىقىنى يازدى.

گېرمانىيەنىڭ «zeit.de» تورى، ئىسرائىلىيەنىڭ 60 ياشتىن ئاشقانلارغا Pfizer / BioNTech ۋاكسىنىنىڭ ئۈچىنچى قۇتىسىنى ئەملەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

رۇسىيەنىڭ RBK تورى، دانىيەنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۇفې ئېللېمان جېنسېننىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىنى «شىمالىي ئېقىن -2» تۈرىنى روسىيەگە قارشى پىروسنىڭ غەلبىسى (زور زىيان بەدىلىگە قولغا كەلتۈرۈلگەن غەلىبە)گە ئايلاندۇرۇشقا چاقىرغانلىقىنى يازدى.

رۇسىيەنىڭ «سپورت.رۇ» تورى، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئوڭدىسىغا 200 مېتىرغا ئۈزۈش تۈرىدە مەغلۇپ بولغان ئامېرىكالىق سۇ ئۈزۈش ماھىرى رىيان مۇرفىنىڭ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن رۇسىيەلىك رىقابەتچىسى يېۋگېنى رىلوفنىڭ دورا ئىشلەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى يازدى.

ئىسپانىيەنىڭ «ئېل مۇندو» گېزىتى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ھامىلىدار ئاياللارنى ئالدىن ۋاكسىنا ئەملەش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «ئىنفوبىيا» گېزىتى، يېڭى بايقاشلارنىڭ ۋاكسىنا ئەملەنگەن كىشىلەرنىڭ دېلتا ۋارىيانتىنى تارقىتالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

ۋېنېزۇئېلادا چىقىدىغان «تېلېسۇر» گېزىتى، ئارگېنتىنادا 18 ياشتىن يۇقىرى %75 ئادەمگە ۋاكسىنا ئەملەنگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر