27.07.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1680842
27.07.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې فىگارو گېزىتى» (Le Figaro)، پارىژ بىلەن لوندوننىڭ مانش دېڭىزى قاتنىشىدا تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې گېزىتى» (Le Monde)، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكروننىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسى ئەملەشنى رەت قىلغانلارنى «مەسئۇلىيەتسىزلىك» ۋە «شەخسىيەتچىلىك» قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، تۈركىيەدە يۇقۇمدىن كېيىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان كاتتا لايىھەلەرنىڭ، چەت ئەللىكلەرنىڭ ئۆي-زېمىن سېتىۋېلىش تەلىپىنى ئاشۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، بۇ يىل (2021) 50 مىڭ ئۆينىڭ سېتىلىپ، رېكورت يارىتىلىشنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

گېرمانىيەنىڭ «az.net» تورى، كۈز پەسلىدە ۋابادا تۆتىنچى دولقۇننىڭ يۈز بېرىشىنى كۈتۈۋاتقان گېرمانىيەدە، ۋاكسىنا ئەملەتمىگەنلەرنىڭ ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويۇش پىكرىنىڭ مۇنازىرە پەيدا قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «تاگېسشاۋ.دې» تورى (Tagesschau.de)، ياۋروپادا ۋۇخەن ۋىرۇسى چەكلىمىلىرىگە قارشى نامايىشلارنىڭ قايتىدىن ئۇلغىيىشقا باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ئەلقۇددۇس ئەلئەرەبى گېزىتى»، ب د ت نىڭ تۇنىس مەسئۇللىرى بىلەن زىچ ئالاقىدە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغانلىقىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا «ھۆرمەت قىلىش» قا چاقىرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ئەلجەزىرە قانىلى» ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن ئىراق باش مىنىستىرى مۇستافا ئەلكازىمىنىڭ، ئىراقتىكى ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ يىل ئاخىرىغىچە (2021) چېكىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەلەرنى توغرىلىغا نلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىيوردانىيەدە چىقىدىغان «ئەددەستۇر گېزىتى»، ئىيوردانىيەنىڭ تۇنىستىكى ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەررايە ئەلقاتارىييە گېزىتى»، قاتارنىڭ قېرىنداش دۆلەت تۇنىسنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «REN» تېلېۋىزىيەسى، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋانىڭ ئامېرىكانى ئىراق، لىۋىيە ۋە سۈرىيەدىكى ئىزلىرىنى تازىلاشقا تەكلىپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «رىيا نوۋوستى ئاگېنتلىقى» (RİA Novosti)، رۇسىيە باش مىنىستىرى مىخائىل مىشۇستىننىڭ كۇرىل ئاراللىرىدا ئەركىن تاموژنا رايونى سىياسىتىنى يولغا قويۇش پىلانلىرىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «ئىزۋېستىيا گېزىتى» (İzvestiya)، رۇسىيەلىك تەنھەرىكەت ماھىرى يېۋگېنى رىلوۋ (Yevgeni Rılov) نىڭ، ياپونىيە پايتەختى توكيودا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىدە، 100 مېتىرغا كەينىچىلەپ سۇ ئۈزۈشتە ياۋروپا رېكورتىنى بۇزۇپ، ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل پائىس گېزىتى» (El País)، ئىسپانىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ بەشىنچى دولقۇنى سەۋەبىدىن يۇقۇملىنىپ جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانىدا ئىككى ھەپتىدە ئۈچ ھەسسە كۆپەيگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەنىڭ «ئەفە ئاگېنتلىقى» (EFE)، ئىسپانىيەدىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنىڭ %68 نىڭ دېلتا ۋارىيانتى ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر