26.07.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1680195
26.07.2021

قاتارنىڭ «ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلى»، تۇنىس پىرېزىدېنتى قايس سەئىدنىڭ ئىجرائىيە ھوقۇقىنى تاپشۇرۇۋالغان ھۆكۈمەتنى بىكار قىلغانلىقىنى ۋە پارلامېنتنىڭ ھوقۇقىنى توڭلىتىپ قويغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«‹ئەلقۇددۇس ئەلئەرەبى› گېزىتى»، دەرادا باسقۇچلۇق كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقىنى، ئېمباگولار ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان تەقدىردە، ئۇنىڭ بەدىلىگە قوراللار چېكىندۈرۈلۈپ، ھەربىي ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرى قۇرۇلىدىغانلىقىنى يازدى.

ئىيوردانىيەدە چىقىدىغان «‹ئەددۇستۇر› گېزىتى»، (فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل) ماكروننىڭ تېل ئاۋىۋ دائىرىلىرىدىن «پېگاسۇس» جاسۇسلۇق پروگراممىسى ھەققىدە ئېنىقلىما بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، گېرمانىيە باش مىنىستىرلىقى ئىشخانىسى باشلىقى ھېلگې ۋۇخگن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتىنىڭ ئېشىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلغانلىقىنى، براۋننىڭ پۇقرالارنى ۋاكسىنا ئەملىتىشكە چاقىرىق قىلىپ، ۋاكسىنا ئەملەتكەنلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەركىنلىككە ئېرىشىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ ‹Spiegel.de› خەۋەرلەر تورى»، تەبىئىي ئاپەتلەر جۇمھۇرىيىتى گېرمانىيەدە ئىلگىرى چېكىدىن ئاشقان دەپ قارالغان كەلكۈن، بوران ۋە ئورمان ئوت ئاپەتلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە نورمال ھالەتكە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى يازدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹ئېل پائىس› گېزىتى»، ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە جەمئىي 30455 خىزمەت ئورنى بىلەن تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى باشلاش ئۈچۈن پادىشاھلىق قارارنامىسىنى تەستىقلاشنى  پىلانلاۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

بېرۇدا چىقىدىغان «‹ئېل كومېرسىيو› گېزىتى»، ئىسپانىيە پادىشاھى 6 – فېلىپنىڭ ئەتە (2021-يىلى 27-ئىيۇل) پېرۇغا بېرىپ، پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان پېدرو كاستىللونىڭ قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «‹ Infobae › گېزىتى»،  ئىسپانىيەنىڭ ئارگېنتىنا، كولومبىيە ۋە بولىۋىيەدىن كەلگەن يولۇچىلارنى مەجبۇرىي كارانتىناغا ئالىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹لې فىگارو›  گېزىتى»،  فىرانسىيەلىكلەرنىڭ تەخمىنەن %60 نىڭ كەم دېگەندە بىر قېتىم ۋاكسىنا ئەملەتگەنلىكىنى  خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹لې موندې›  گېزىتى» ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىنا كارتى بەلگىلىمىسىگە قارشى سەپەرۋەرلىكنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، فىرانسىيە مىقياسىدا 161 مىڭ ئۆكتىچىنىڭ پىيادە يۈرۈگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەنىڭ «‹France 24› تېلېۋىزىيە قانىلى»، تۇنىس پىرېزىدېنتى قايس سەئىدنىڭ زوراۋانلىق نامايىشلىرىدىن كېيىن باش مىنىستىر (ھىشام ئەل مېششى) نى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ، پارلامېنتنى توڭلىتىپ قويغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «‹TASS› ئاگېنتلىقى، رۇسىيە باش مىنىستىرى مىخايىل مىشۇستىننىڭ ياپونىيەنىڭ شىمالىدىكى كۇرىل ئارىلىغا قىلغان زىيارىتى سەۋەبىدىن ياپونىيەنىڭ رۇسىيەگە نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «‹RIA Novosti› ئاگېنتلىقى»، رۇسىيە ئەرلەر ۋالىبول كوماندىسىنىڭ توكيو 2020-يىللىق يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا ئامېرىكانى 1 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «‹Rossiyskaya Gazeta› گېزىتى»، بېنزىننىڭ  ئەرزانلىقى جەھەتتە رۇسىيەنىڭ ياۋروپا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر