16.07.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1676216
16.07.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بېلگىيەنىڭ «لې سوئىر» گېزىتى، بېلگىيەدىكى سۇ ئاپىتى رايونىدا يەنە ئىككى كىشىنىڭ جەسىتىنىڭ تېپىلغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن جەمئىي قازا قىلغانلار سانىنىڭ 11 گە يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەنىڭ «لې فىگارو» گېزىتى، «خانىم تەييار» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، (ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن تاقىۋېتىلگەن) ئېيفېل مۇنارىنىڭ 16 – ئىيۇل جۈمە كۈنى يېرىمغا قىسقارتىلغان زىيارەتچى سانى بىلەن قايتىدىن  ئېچىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن بەردى.

فىرانسىيەنىڭ «فىرانس-24» خەۋەرلەر قانىلى، 18 يېشىدا تارىخنىڭ ئەڭ ئالەم كېمىسى ئۇچقۇچىسى بولغان ئولىۋېر دامېننىڭ 20 – ئىيۇل ئامېرىكالىق مىلياردېر جېف بېزوس بىلەن ئالەم بوشلۇقى سەپىرىگە چىقىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى كۆرۈرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

ئىيوردانىيەدە چىقىدىغان «ئەددۇستۇر» گېزىتى، ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرى ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرى تەرىپىدىن قوغدىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ مەسجىدى ئەقسانىڭ بارلىق ھويلىلىرىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن <كىرىشكە بولىدىغان ئورۇن> دەپ قارايدىغانلىقىنى يازدى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەررايە ئەلقاتارىييە» گېزىتى، لىۋاندا يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللەش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغان سەئد ئەلھەرىرىنىڭ بۇ ۋەزىپىنى قايتۇرۇۋەتكەنلىكىنى يازدى.

لوندوندا ئەرەب ۋە ئىنگلىز تىللىرىدا نەشر قىلىنىدىغان «ئەلقۇددۇس ئەلئەرەبى» گېزىتى، لىۋاندا يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللەشكە تەيىنلەنگەن سەئد ئەلھەرىرىنىڭ بۇ خىزمەتنى ئۆتىمەيدىغانلىقىنى جاكارلىشىدىن كېيىن، نامايىشچىلار پايتەخت بېيرۇتتىكى بىر قىسىم يوللارنى قامال قىلىۋالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەنىڭ «ئېل پائىس» گېزىتى، ئىسپانىيە خەلق پارتىيەسى بىلەن پۇقرالار پارتىيەسىنىڭ ھۆكۈمەت ئېلىپ بېرىشنى پىلانلاۋاتقان ئىسلاھاتلار توغرىسىدا بەزى قانۇنلارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەندىن كېيىن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەنىڭ «ئېل مۇندو» گېزىتى، ئىسپانىيە دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىنستىتۇتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئىسپانىيە پۇقرالىرىنىڭ ئوندىن بىرىنىڭ 2020- يىلى تىرىكچىلىك قىلىش جەھەتتە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى، نامراتلىق نىسبىتىنىڭ 2008- يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ۋېنېزۇئېلادا چىقىدىغان «تېلېسۇر» گېزىتى، گۋاتېمالا ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىنىڭ، پىرېزىدېنت ئالېجاندرو گىئامماتتېينىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان نامايىشقا چەكلىمە قويۇش قارارىغا قارىتا نارازىلىق ئەرزى سۇنۇشقا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى يازدى.

گېرمانىيەنىڭ «بىلد.دې» گېزىتى، گېرمانىيەدىكى كەلكۈن ئاپىتىنىڭ زىيىنىنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى، گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ (ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە ئىشتىراك قىلىشى ئۈچۈن ئاپەت رايونىغا) يەنە 850 ئەسكەر ئەۋەتىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «فىرانكفورت رۇندشاۋ» گېزىتى، كېلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ غەربىي گېرمانىيە ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەردە كۆرۈلگەندەك قاتتىق يامغۇردىن كېيىن كەلكۈن ئاپىتى قاتارلىق پەۋقۇلئاددە ھاۋارايى ھادىسىلىرىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ ئامېرىكادىكى زىيارىتىنىڭ قىزغىن باياناتلارنى بېرىش بىلەن باشلانغانلىقىنى، جون خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن مېركېلنىڭ،  ئامېرىكا - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ھەققىدە توختالغانلىقىنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىنمۇ «گېرمانىيە - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى پولاتتەك» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغۇچىلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

رۇسىيەنىڭ «تاسس» خەۋەر ئاگېنتلىقى،  گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ «شىمالىي ئېقىن -2» تۇرۇبا يولىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئارقىلىق تەبىئىي گاز يەتكۈزۈشىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىشىنى مەقسەت قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى يازدى.

رۇسىيەنىڭ «ئىزۋېستىيا» گېزىتى، ئافغانىستان، ئۆزبېكىستان، ئامېرىكا ۋە پاكىستاننىڭ ئافغانىستاندىكى تىنچلىق مۇساپىسىنى قوللاش ئۈچۈن يېڭى بىر تۆت تەرەپ سۆھبەت سۇپىسى قۇرۇشنى قارار قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «رىئا نوۋوستى» ئاگېنتلىقى، ئۇكرائىنانىڭ (ئۇكرائىنا، رۇسىيە ۋە ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن تەركىب تاپقان) ئۈچ تەرەپ ئالاقىلىشىش گۇرۇپپىسىدىكى ۋەكىلى ئالېكسېي ئارېستوۋىچنىڭ، ئانگېلا مېركېلنىڭ رۇسىيەنى ئۇكرائىنادىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇش ئارقىلىق ئۇكرائىنانىڭ مەنپەئەتىگە خىيانەت قىلغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر