01.07.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1668086
01.07.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئىيوردانىيەدە چىقىدىغان «‹ئەددۇستۇر› گېزىتى»، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرگە قارىتىلغا تۇتقۇن قىلىشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە جەننىن شەھىرىدە (ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىلەن پەلەستىنلىكلەر ئوتتۇرىسىدا) قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئەرەب ۋە ئىنگىلىز تىللىرىدا چىقىدىغان «‹ئەلقۇدسۇل ئەرەبى› گېزىتى»، يەھۇدىي ئاققۇنلار پەلەستىن زېمىنىدىكى ئاسىرا ئەل كىبلىيا يېزىسىغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ بىر پەلەستىنلىكنى ئېتىپ شېھىت قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «‹ئەررايەل قەتەرىييە› گېزىتى»، تۈركىيەنىڭ قاتاردىن ۋاكسىنا ئەملەنگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھۆججەت ياكى PCR تەكشۈرىشى  بولماي تۈركىيەگە كەلگەنلەرگە دۆلەتكە كىرىش رۇخسىتى بەرمەيدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «‹Bild.de› خەۋەرلەر تورى»، تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى ئۈچىنچى مىقدار ۋاكسىنا ئەملەش باشلىنىدىغانلىقىنى، 50 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەر ۋە ئىككىنچى قېتىم ۋاكسىنا ئەملىگەن سەھىيە خادىملىرىنىڭ ئۈچىنچى مىقدار ۋاكسىنا ئەملىنىش ئۈچۈن دوختۇرخانىدىن  رەت نۇمىرى ئالالايدىغانلىقىنى  خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «‹Deutsche Welle› خەۋەرلەر تورى»، فىرانسىيە ۋېلىسىپىت ساياھىتىدە نەچچە ئون ۋېلىسىپىت مىنگۈچىنىڭ ھادىسىگە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تاماشىبىننىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «‹Handelsblatt› خەۋەرلەر تورى»،  ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېت پروفېسسورىنى بېرلىندا باش ئەلچىلىككە تەيىنلىگەنلىكىنى، شۇنداق قىلىپ، ئامىي گۇتماننىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن گېرمانىيەگە تەيىنلەنگەن تۇنجى ئايال باش ئەلچىگە ئايلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹El Pais› گېزىتى»، ئىسپانىيە باش مىنىستىرى پېدرو سانچېزنىڭ «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشتە ئاۋامنىڭ رايى ئېلىنمايدۇ. ھەرگىز قايتا سايلام بولمايدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹El Mundo› گېزىتى»، تولۇق ۋاكسىنا ئەملىگەن بولۇشىغا قارىماي دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ماسكا تاقاش مەجبۇرىيىتىنى قوللايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «‹Infobae› گېزىتى»، پان ئامېرىكا سەھىيە تەشكىلاتى لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب دېڭىزىدىكى ئاھالىلەرنىڭ پەقەت%10 ىنىڭ كوۋىد -19 غا قارشى ۋاكسىنا ئەملەنگەنلىكىگە قارىتا «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئەھۋال» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەنىڭ «‹France 24› تېلېۋىزىيە قانىلى»، فىرانسىيىدە ساياھەتچىلەر ئۈچۈن كوۋىد-19 سىنىقىنىڭ 7-ئىيۇلدىن باشلاپ ھەقلىق بولىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

بىلگىيەدە چىقىدىغان «‹لېسوئىر›  گېزىتى»، ياۋروپا دۆلەتلىرى ساياھەتلىرىدە  ۋاكسىنا كارتىسى ئىشلىتىش يولغا قويۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

شىۋېيېتسارىيەدە چىقىدىغان «‹لې مارتىن› گېزىتى»،  گېرمانىيەدە ئىشلەنگەن «CureVac»  ۋاكسىنىسىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ %48 ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلىندى.

رۇسىيەنىڭ «‹RIA Novosti› ئاگېنتلىقى»، سانت پېتىربۇرگ سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ  9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا موسكۋادا ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «ئىزۋېستىيا گېزىتى»،  ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل مۇئاۋىنى جەك سۇللىۋان بىلەن گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاننىگرېت كرامپ كاررېنباۋېر ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەت ئۈچۈن مۇھىم مەسىلە بولغان رۇسىيە ۋە خىتاي مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «كوممېرسانت گېزىتى»، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىباتلىقى جەنۇبىي كاۋكاز ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا باياناتچىسى جامېس ئاپپاتۇراينىڭ ئەنگىلىيەگە تەۋە قوغدىغۇچى پاراخوتلارغا رۇسىيە تەرىپىدىن ئوق چىقىرىش ۋەقەسىگە قارىماستىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ قارا دېڭىزدىكى مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر