24.06.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلانغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1663880
24.06.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل پائىس گېزىتى» (El País)، م ج ئافې (McAfee) ۋىرۇسقا قارشى يۇمتال ياسىغۇچى جون م ج ئافې (John McAfee) نىڭ بارسېلونادا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان تۈرمە كامېرىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

چىلىدا چىقىدىغان «لا تېرسېرا گېزىتى» (La Tercera )، ئالىملارنىڭ ھىندىستاندا كۆرۈلگەن ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) دېلتا ۋارىيانتىنىڭ تېخىمۇ خەتەرلىك ۋە تېخىمۇ تارقىلىشچان ئىكەنلىكىنى بايقىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «Handelsblatt.com» بېتى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە يېقىنلىشىشىنىڭ گېرمانىيە ئىقتىسادىغا زور پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بېرىشى مۇمكىنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «ت-ئونلاين.دې) تورى (t-online.de)، گېرمانىيە نوپۇسىدا ئارىدىن توققۇز يىل ئۆتكەندە، تۇنجى قېتىم تۆۋەنلەش كۆرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «تاگېسشاۋ.دې» تورى (tagesschau.de)، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىدا ژۇرنالىست جەمال قاشىقچىنى ئۆلتۈرگەن قاتىللارنىڭ تۆتىنىڭ، بۇرۇن ئامېرىكادا ھەربىي تەلىم ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيەسى، لىۋىيە تېمىلىق ئىككىنچى بېرلىن كونفېرانسىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، لىۋىيەدىكى كىرالانغان چەت ئەل جەڭچىلىرىنىڭ چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغانلىقى ۋە لىۋىيەدە سايلامنىڭ ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈشنىڭ تەكىتلەنگەنلىكى قەيت قىلىندى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې پارىسىيىن گېزىتى»، فىرانسىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن بېرىلىۋاتقان دۆلەت ياردەملىرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن ئەركىن ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې گېزىتى» (Le Monde)، فىرانسىيە كېڭەش پالاتاسى ھەربىي خامچوتنى كۆزدىن كەچۈرۈش توغرىسىدا ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنچنى يېڭىلاشنى رەت قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «ئىزۋېستىيا گېزىتى» (İzvestiya)، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قارادېڭىزدا چېگراغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇش ئوقى ئېتىشقا مەجبۇر قىلغان ھەربىي پاراخوت مەسىلىسىدە، ئەنگلىيەنى ئەيىبلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «لېنتا.رۇ» تورى (Lenta.ru)، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تۇنجى قېتىم بالىلارنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن ئەملەنسە بولىدىغانلىقىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر