16.06.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1658971
16.06.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: گېرمانىيەنىڭ «‹ز د ف.دې › خەۋەرلەر تورى» (zdf.de)، «گېرمانىيەدە ‹كوۋىد – 19› يۇقۇمى مەزگىلىدە ئاشقۇن ئوڭچىللىق ئېقىمى ئەۋج ئېلىپ كەتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

گېرمانىيەنىڭ «‹Deutsche Welle› خەۋەرلەر تورى»، ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر راي سىناش نەتىجىسىگە قارىغاندا، كۆپ ساندىكى ياۋروپالىقلارنىڭ «دۆلەتلىرىمىزدە چىرىكلىك قىلمىشلىرى كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ» دەپ ئويلايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «‹ ard.de› خەۋەرلەر تورى»، گېرمانىيەدە پۇل پاخاللىقىنىڭ يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى يازدى.

ئىيوردانىيە چىقىدىغان «‹ئەددۇستۇر› گېزىتى»، «قۇددۇستا (ئاشقۇن ئوڭچىل يەھۇدىيلارنىڭ) بايراق نامايىشى، نېفتالى بېننېت رەھبەرلىكىدىكى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى ئىمتىھانى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئەرەب ۋە ئىنگىلىز تىللىرىدا چىقىدىغان «‹ئەلقۇدسۇل ئەرەبى› گېزىتى»، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

قاتاردا چىقىدىغان «‹ئەررايەل قەتەرىييە› گېزىتى»، «ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى نەھدە دامبىسى مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە جىددىي كېڭەش يىغىنى ئېچىشقا چاقىردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹لې فىگارو› گېزىتى» (Le Figaro)، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا 2019 – يىلى ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى يازدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹لې پارىسىيىن› گېزىتى» (Le Parisien)، فىرانسىيە باش مىنىستىرى يېن كاستېكسنىڭ كارانتىن مۇددىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى، شۇڭا ئۇنىڭ مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتنىشالايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «‹لېنتا.رۇ› خەۋەرلەر تورى» (Lenta.ru)، سايت پېتېرسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ۋەزەپە ئۆتەۋاتقان ئالىملارنىڭ، «رۇسىيەدە ئىيۇل ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرى <كوۋىد – 19»> ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىدا ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ئېشىش كۆرۈلىدۇ» دەپ قارايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «‹تاسس› ئاگېنتلىقى» (TASS)،  تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ باياناتچىسى دمىترى پېسكوۋ، رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوگ كەمچىللىكىنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىكىدىنمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى، ھالبۇكى، ھەل قىلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنىڭ ناھايىتى كۆپلىكىنى ئېيتتى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «‹ئىزۋېستىيا› گېزىتى» (Izvestiya)، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن 16 – ئىيۇن كۈنى (بۈگۈن) ئىشقا ئاشۇرىدىغان كۆرۈشۈشىدىن كېيىن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتنشىىشنى خالىماسلىقىنىڭ، ئۇنىڭ ئاجىزلىقىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر