14.06.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1657420
14.06.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: قاتاردا چىقىدىغان «‹ئەررايەل قەتەرىييە› گېزىتى»، «سەئۇدى ئەرەبىستان بۇ يىل پەقەت ئۆز پۇقرالىرى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان تېررىتورىيەسى ئىچىدە ياشاۋاتقانلارنىڭلا ھەج قىلىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

پەلەستىن  - ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا چىقىدىغان «‹يېڭى ھايات› گېزىتى»، پەلەستىن باش مىنىستىرى مۇھەممەد ئىشتىييەنىڭ، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى قايتا قۇرۇپ چىقىش دائىرىسىدە رايونغا كەلگەن دۇنيا بانكىسى ھەيئىتىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى يازدى.

ئۇمماندا چىقىدىغان «‹ۋەتەن› گېزىتى»، ئۇممان سۇلتانلىقىنىڭ فىرانسىيە بىلەن ھەربىي ھەمكارلىق ساھەسىدە كېلىشىم لايىھەسى ئىمزالىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

گېرمانىيەدە چىقىدىغان «‹فرانكفۇرتېر ئالگېماينې زەيتۇڭ› گېزىتى» (Frankfurter Allgemeine Zeitung)، پاپا فرەنسىسنىڭ، ئاقدېڭىزنى «ياۋروپانىڭ چوڭ مازىرى» دەپ ئاتىغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

گېرمانىيەنىڭ «‹د پ ئا› ئاگېنتلىقى» (dpa)، ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى 2 – ئېلىزابىتنىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن ۋە رەپىقىسى جىل بايدىننى قوبۇل قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «‹ تاگېسشاۋ.دې› تورى» (tagesschau.de)، «بېنيامىن نېتانياھۇ دەۋرى ھازىرچە ئاخىرلاشتى – ئىسرائىلىيەدە تارىخىي ھۆكۈمەت ئالمىشىشى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹لې پارىسىيىن› گېزىتى» (Le Parisien)، 12 يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ ئەمدى ئىسرائىلىيەنىڭ باش مىنىستىرى ئەمەسلىكىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹لې موندې›  گېزىتى» (Le Monde)، فىرانسىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال فرانچوس لوكوئىنترېنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغانلىقىنى يازدى.

فىرانسىيەنىڭ «‹France 24› تېلېۋىزىيە قانىلى»، «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى: ناتو ئاتلانتىك مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى سەھىپە ئېچىشنى پىلانلىماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى كۆرۈرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹ئېل پائىس› گېزىتى» (El País)، ئىسپانىيەنىڭ 7 – گ گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا، 2022 – يىلى بىر مىليارد «كوۋىد – 19 يۇقۇمى» ۋاكسىنىسى ئىئانە قىلىشقا ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹لا ۋانگۇاردىيا› گېزىتى» (La Vanguardia)، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

كىلىمات ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن مەيدانغا كېلىۋاتقان كۆچۈشلەر رېكورت سەۋىيەگە يەتتى. 2020 – يىلى 40 مىليون كىشى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان ئۆي – ماكانلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى. بۇ كۆچۈشلەرنىڭ % 75 تىنىڭ سەۋەبىنى تەبىئىي ئاپەتلەر تەشكىل قىلىدۇ.

ۋېنېزۇئېلادا چىقىدىغان «‹تېلېسۇر› گېزىتى»، (TeleSur)، بىرازىلىيە بىلەن ۋېنېزۇئېلانىڭ،  2021 – يىللىق ئامېرىكا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول  مۇسابىقىسى (جەنۇبىي ئامېرىكا پۇتبول مۇسابىقىسى) نىڭ ئىچىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى يازدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «‹ئىزۋېستىيا› گېزىتى» (Izvestiya)، ئامېرىكا پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىغا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىن كەلتۈرۈلگەن رۇس دۆلەتلىك زايوملىرىنى ئېلىش چەكلىمىسىنىڭ بۈگۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى يازدى.

رۇسىيەنىڭ «‹ر ب ك› تېلېۋىزىيەسى» RBK، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ۋاشىنگتوننىڭ بېسىمىغا قارىماي پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتمەسلىكىنى ئۇنىڭ خۇي – پەيلىگە باغلىغانلىقىنى كۆرۈرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

رۇسىيەنىڭ «‹لېنتا.رۇ› خەۋەرلەر تورى» (Lenta.ru)، 17 – ئىيۇندىن ئېتىبارەن ساينت – پېتېرسبۇرگدا كارانتىن تەدبىرلىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيتىلىدىغانلىقىنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر