10.06.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1655344
10.06.2021

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ 14-ئىيۇن بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان تۇنجى قېتىملىق يۈزتۇرانە ئۇچرىشىشىغا ئاز قالغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ۋاشىنگىتون – ئەنقەرە – بىريۇسسېل ئوتتۇرىسىدا تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە دىپلوماتىك سۆھبەت مۇساپىسى ئېلىپ بېرىلماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئېلان قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ ‹tagesschau.de› خەۋەرلەر تورى»،  گېرمانىيەنىڭ خېسېن ئۆلكىسىدە، ئىرقچىلىق ئۇچۇر گۇرۇپپىسىدىكى يازمىلارنى ھەمبەھىرلەش گۇمانى بىلەن 20 ساقچىنىڭ ئۆي ۋە خىزمەت ئورۇنلىرىدا ئاختۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ ‹Handelsblatt.com› خەۋەرلەر تورى»،  دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل بىلەن تەمىنلىگۈچى شىركەت «Bosch» نىڭ گېرمانىيەدە 1 مىليارد ياۋرو مەبلەغ سېلىپ، ئاپتوموبىللار ئۈچۈن ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى قۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەنىڭ «‹France 24› تېلېۋىزىيە قانىلى»،  «يالغۇزلاشتۇرۇش ھەرىكىتىمۇ ياكى تېخىمۇ چوڭقۇر غەزەپنىڭ ئىپادىسىمۇ؟ فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانېل ماكرونغا تەستەك ئۇرۇش ۋەقەسى فىرانسىيەدە بۆلۈنۈشكە سەۋەب بولدى» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئېلان قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹لې موندې›  گېزىتى» ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ ئىتتىپاقلاشقانلىقىنى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن خىتايغا بىلدۈرۈپ قويۇشنى خالايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹لې ماتىن›  گېزىتى»، شىۋېيېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە بەزگەك كېسىلىدە كىشىنى چۆچۈتىدىغان دەرىجىدە ئۆرلەش كۆرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

قاتارنىڭ «ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلى»، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنىدا يەھۇدىي ئاققۇنلارنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكى كۈچەيگەنلىكىنى ۋە ۋاشىنگتوننىڭ تىنچلىق چاقىرىقىدا بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلى» يەنە،  سۈرىيەنىڭ ھەسەكە رايونىدا چارلاش ئاپتوموبىلىنى نىشان قىلغان پارتىلاشتا، بىر نەپەر رۇسىيە ئەسكىرى ئۆلۈپ، ئۈچ نەپەر رۇسىيە ئەسكىرىنىڭ يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «‹ئەررايەل قەتەرىييە› گېزىتى»، پەلەستىندىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك ماسلاشتۇرغۇچى مەسئۇلى لىن خاستىڭسنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ئورگانلارنى غەززە خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرىشكە چاقىرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹El Mundo› گېزىتى»، ئىسپانىيەدىكى مۇتەخەسسىسلەر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كوۋىد-19 يۇقۇمىنى كېسەللىك ئالامىتى كۆرسەتمەستىن يېڭىدىغان گېنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹El Pais› گېزىتى»، ئىسپانىيە چېگرا شەھىرى سېئۇتادىكى كۆچمەنلەر كرىزىسىدا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ماراكەشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى جاكارلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ۋېنېزۇئېلادا چىقىدىغان «‹El Nacional › گېزىتى»، پېرۇدىكى سايلامدا ئۇتتۇرۇپ قويغان كەيكو فۇجىمورىنىڭ 200 مىڭغا يېقىن بېلەتنىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «‹Gazeta.ru› خەۋەرلەر تورى»، رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئايروپىلان قاتناشلىرىنىڭ 7-ئايدا باشلىنىشى مۇمكىنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «‹كومسومولسكايا پراۋدا› گېزىتى»، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ «مېنىڭ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي بىلەن سۆزلىشىدىغان نۇرغۇن ئىشلىرىم بار، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىدە نۇرغۇن مەسىلىلەر جۇغلىنىپ قالدى» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «‹روسسىسكايا› گېزىتى»، موسكۋا شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ رۇسىيە ئۆكتىچىسى ئالېكسېي ناۋالنىينىڭ ئىلكىدىكى مەبلەغنى «ئاشقۇن، رادىكال» دەپ ئېلان قىلىش ئارقىلىق بىكار قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر