28.04.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1629831
28.04.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ئەلقۇدسۇل ئەرەبى› گېزىتى»، سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ، دۆلىتىنىڭ ئىران بىلەن «ئالاھىدە مۇناسىۋەت» ئورنىتىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى يازدى.

مەزكۇر گېزىت يەنە، ئىراننىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئالدىنقى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ دەۋرىدە يولغا قويۇلغان بارلىق ئېمبارگولارنىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

قاتارنىڭ «‹Al Jazeera› تېلېۋىزىيە قانىلى»، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى  كۆرۈرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

پەلەستىنلىكلەر قىزغىن قارشى ئالدى، ئىسرائىلىيە ئەيىبلىدى... كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، ئىسرائىلىيەنى ئىرىقچىلىق ۋە زۇلۇم – سىتەم بىلەن ئەيىبلىمەكتە. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى مەسئۇلى كېننېتس روتس، تەشكىلاتنىڭ ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىشىنىڭ دەلىل – ئىسپاتلارغا ئاساسلىىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۇدا 40 يىلدىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرىقچىلىقىغا دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

گېرمانىيەنىڭ «‹Deutsche Welle› خەۋەرلەر تورى»، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

گېرمانىيەدە شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەجلىسى جامە قۇرۇلۇشىنى تەستىقلىمىدى. ھېيلبورندا دىنىي ئىشلار  تۈرك - ئىسلام بىرلىكى قارىمىدا سېلىنىدىغان جامە قۇرۇلۇشى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەجلىسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتمىدى. دىنىي ئىشلار  تۈرك - ئىسلام بىرلىكى، ئۇدا 7 يىلدىن بۇيان شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن بىرلىكتە پىلانلىنىۋاتقان جامە قۇرۇلۇشىنىڭ تەستىقلانماسلىقىنى تەنقىد قىلدى.

گېرمانىيەدە چىقىدىغان «‹Frankfurter Rundschau› گېزىتى»، «رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن گېرمانىيەدە بىر تېلېۋىزىيە قانىلى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، پۇتىننىڭ مەقسىتى نېمە؟» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

گېرمانىيەنىڭ «‹Bild.de› خەۋەرلەر تورى»، گېرمانىيەدىكى ماسكا سەتچىلىكىنىڭ بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تىزىملىكىگە قارىغاندا، 40 پارلامېنت ئەزاسنىڭ ماسكا زاكاس قىلىش باسقۇچىدا چىرىكلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەنىڭ «‹ئېل پائىس› گېزىتى»، بۇركىنا فاسودا ئىسپانىيەلىك 2 ژۇرنالىستنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى يازدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹El Mundo› گېزىتى»، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

مادرىد ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ئىسابېل ئايۇسو، 4 – ماي كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان يەرلىك ساتلاملار ھارپىسىدا، مەركەز ئوڭچىللارنىڭ ئاۋازغا ئېرىشىش نىسبىتىنى كۈچەيتىپ، كۆپ ساندا ئاۋازغا ئېرىشىش ئېھتىماللىقىنى يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزدى.

ۋېنېسۇئېلادا چىقىدىغان «‹TeleSur› گېزىتى»، ۋېنېسۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرونىڭ ياردەمچىسى دېلكى رودرىگۇئېزنىڭ، مائارىپ مىنىستىرى ئارىستوبۇلو ئىستۇرىزنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى يازدى.

شىۋېتسارىيەدە چىقىدىغان «‹Le Matin›  گېزىتى»، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا قارا تەنلىك بىر كىشىنىڭ ساقچى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «<رىيا نوۋوستى> گېزىتى»، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭ، رۇسىيە بىلەن دىيالوگنىڭ قايسى شەرتلەر ئاستىدا ئورنىتىلىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، «ئەگەر موسكۋا سۈركىلىشنى ئەۋج ئالدۇرۇۋېتىدىغان قەدەملەرنى تاشلىمىسا، (دىيالوگ ئورنىتىش مۇمكىن)» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «‹Kommersant› گېزىتى»، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنىڭ، «ئۇكرائىنا بىلەن دونباستا ئۇرۇشتىن ساقلىنىش مۇمكىن ۋە ساقلىنىش كېرەك» دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈردى.

رۇسىيەنىڭ «‹Lenta.ru› خەۋەرلەر تورى»، رۇسىيەنىڭ، مونوپولچىلىققا قارشى قارشى تۇرۇش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئالما شىركىتى (Apple) گە 12 مىليارد دوللار جەرىمانە قويغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر