21.04.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1625521
21.04.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ئەلقۇدسۇل ئەرەبى› گېزىتى»، «تۈركىيە ئىستانبۇلدا چاقىرىلىدىغان <ئافغانىستان كونفېرانسىنىڭ رامىزان ئېيىدىن كېيىنكى ۋاقىتقا كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

مەزكۇر گېزىت يەنە، ئىسرائىلىيەنىڭ بەھرەين بىلەن ئالاقىنى ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن بىر يىغىن ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى يازدى.

قاتارنىڭ «‹Al Jazeera› تېلېۋىزىيە قانىلى»، «پەلەستىن دۆلەت رەئىسىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى نەبىل شەئسنىڭ، پەلەستىندىكى سايلاملارنىڭ كېچىكتۈرۈلۈش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى كۆرۈرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

مەزكۇر قانال يەنە، تۈركىيەدە مىسىر ۋە لىۋىيە پارلامېنتلار ئارا دوستلۇق گۇرۇپپىسى تەشكىل قىلىنىشى توغرۇلۇق قانۇن تەكلىپى سۇنۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەدە چىقىدىغان «‹Frankfurter Allgemeine Zeitung› گېزىتى»، گېرمانىيەدە ئىستېمالچىلارنىڭ «كوۋىد – 19» يۇقۇمى سەۋەبىدىن، 2020 – يىلى ئوتتۇرىچە 1250 ياۋرودىنمۇ ئاز پۇل خەجلىگەنلىكىنى يازدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹لې موندې›  گېزىتى»،  «ياۋروپا تېببىي ئورگانلىرىنىڭ قارىشىچە، ئاز ئۇچرايدىغان قان نوكچىسى خەۋىپىگە قارىماي، Johnson&Johnson  ۋاكسىنىسى ئىشەنچىلىك ئىكەن» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹لې فىگارو› گېزىتى»، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ، AstraZeneca ۋاكسىنىسى مەسىلىسىدە فىرانسىيە پۇقرالىرىنى قايىل قىلىشتا قىيىنچىلىقلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹El Mundo› گېزىتى»، «ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدنىڭ، <كوۋىد – 19> يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرىنى ھازىرقى خەۋپلىك مەزگىل يوقالغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسى قەتئىي» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

ۋېنېسۇئېلادا چىقىدىغان «‹El Nacional› گېزىتى»، پوترو رىكودىكى بالا دوختۇرلىرىنىڭ، بالىلار ۋە بوۋاقلاردا يۈكسەك سەۋىيەدە كۆرۈلۈشكە باشلىغان «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى سەۋەبلىك ئەندىشە ئىچىدە ئىكەنلىكىنى يازدى.

رۇسىيەنىڭ «‹Lenta.ru› خەۋەرلەر تورى»، «ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكى، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Facebook سەھىپىسىدە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنغا خىتابەن بىر  ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ، پۇتىننى دونباستا كۆرۈشۈشكە تەكلىپ قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «‹Izvestiya› گېزىتى»، چېخىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دۆلەتتە قالغان باشقا رۇس دىپلوماتلارنىمۇ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رېگنۇم ئاگېنتلىقى، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى  ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، بۈگۈن، يىللىق ئەنئەنىگە ئاساسەن مىللىي فېدېراتسىيە مەجلىسىگە خىتاب قىلىدۇ. ئاخبارات ۋاسىتىلىرى باياناتچىسى دمىترى پېسكوۋنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، پۇتىن خىتابىدا، «‹كوۋىد – 19› يۇقۇمىدىن كېيىنكى باسقۇچتا ئوتتۇرىغا چىققۇسى كىرىزىس» ھەققىدە ئالاھىدە توختىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر