07.04.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1616369
07.04.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹لې موندې›  گېزىتى»، «‹كوۋىد – 19› يۇقۇمى ھارپىسىدا كۈندىلىك ھاياتقا قايتىش، ۋاكسىنا ئەملەشكە قارىماي ئۇلۇغۋار نىشان» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹لې فىگارو› گېزىتى»، پارىژ شەھەر باشلىقى ئاننې ھىدالگونىڭ، پارىژدىكى مۇھىت بۇلغىنىشىغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتمەسلىك بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقانلىقىنى يازدى.

فىرانسىيەنىڭ «‹France 24› تېلېۋىزىيە قانىلى»، ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ سۈركىلىشنى ئازايتىش ئۈچۈن تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

گېرمانىيەنىڭ «‹zeit.de› خەۋەرلەر تورى»، كاسسېل شەھىرىنىڭ، يېڭى ناتسىستلار يەر ئاستى تەشكىلاتىنىڭ قۇربانى خەلىل يوزگاتنى، ئۆلۈمىنىڭ 15 – يىللىققى مۇناسىۋىتى بىلەن خاتىرىلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەدە چىقىدىغان «‹Frankfurter Allgemeine Zeitung› گېزىتى»، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

 ياۋروپا تېببىي دورا ئورگىنى EMA نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، AstraZeneca  ۋاكسىنىسى بىلەن قان نوكچىسى ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش بار ئىكەن.

ئاۋسترىيەدە چىقىدىغان «‹Salzburger Nachrichten› گېزىتى»، ئىران بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ، ۋىيانادا «يادرو كېلىشىمى» نى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن مۇزاكىرىلەرگە باشلىغانلىقىنى يازدى.

ئىسپانىيەنىڭ «‹ئېل پائىس› گېزىتى»، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ، ئىسپانىيەدە ئەڭ بالدۇر بولغاندا 2027 – ييلغىچە ئىشسىزلىقنىڭ، «كوۋىد – 19» يۇقۇمى باسقۇچىدىن بۇرۇنقى سەۋىيەلەرگە قايتمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى يازدى.

ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «‹Infobae› گېزىتى»، ئەنگلىيە «كوۋىد – 19» يۇقۇمىنىڭ قان تومۇر قېتىشىش (قان نوكچىسى) بىلەن باشلىنىشلىقىنىڭ بارلىقى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر پەيتتە، ئوكسفورد ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ، بالىلارغا AstraZeneca ۋاكسىنىسىنى سىناق قىلىشنى توختاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ۋېنېسۇئېلادا چىقىدىغان «‹TeleSur› گېزىتى»، تەخمىنەن 19 دۆلەتنىڭ، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى ۋاكسىنا ئەملەش پائالىيەتلىرىنى باشلىغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

قاتارنىڭ «‹Al Jazeera› تېلېۋىزىيە قانىلى»، «‹ The New York Times› گېزىتى، ئىسرائىلىيەنىڭ قىزىلدېڭىزدا ئىران پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلغانىقلىرىنى ۋاشىنگتونغا بىلدۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى كۆرۈرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

ئىيوردانىيە چىقىدىغان «‹ئەددۇستۇر› گېزىتى»، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىرانغا ئېمبارگولارنى يېنىكلىتىش تەكلىپى سۇنغانلىقىنى، ئىراننىڭ بولسا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن ئېمبارگولارنى تامامەن بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى يازدى.

رۇسىيەنىڭ «‹Gazetem.ru› خەۋەرلەر تورى»، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى  ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ئەسلىدە ئۇكرائىنا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولسا پارچىلىنىدۇ: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكىنىڭ، ئۇكرائىنانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش مەسىلىسىگە ئالاقىدار باياناتلىرى ھەققىدە توختالغان كىرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترى پېسكوۋ، ئەسلىدە ئۇكرائىنانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان تەقدىردە ئۆزىگە زىيان تارتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «‹Izvestiya› گېزىتى»، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكى، فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹Libération› گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، دونباستا ئۇرۇش چىقىرىشنى خالىمايدىغانلىقلىرىنى، لېكىن ئەسكەرلىرى ھۇجۇم خەۋپىگە دۇچ كەلگەن تەقدىردە، تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

رۇسىيەنىڭ «‹TASS› ئاگېنتلىقى»، « Zoomشىركىتى، يۇمتالنىڭ رۇسىيە دۆلەتلىك شىركەتلەر تەرىپىدىن قۇرۇلۇشىغا چەكلىمە قويدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر