09.03.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1597720
09.03.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې پارىسىيىن گېزىتى» (Le Parisien)، پارىژ سائىنت جېرمايىن (Paris Saint Germain)-باشاكشەھىر مۇسابىقىسىدە ئىرقىي ئايرىمىچىلىق خاراكتېرىگە ئىگە سۆز قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەنگەن رېپېرنىڭ پەسىل ئاخىرىغىچە مۇسابىقىلەردە رېپېرلىق قىلىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

بېلگىيەدە چىقىدىغان «لۆسۋا گېزىتى» (Le Soir) بېلگىيەنىڭ گېنت ئۇنىۋېرستېتىدا تەربىيەلەنگەن ئىتلارنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىنى بايقىيالايدىغانلىقىنى ۋە توغرىلىق نىسبىتىنىڭ %95 كە يېتىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

بىلدۈرۈلىشىچە، بۇ ئەقىللىق ئىتلار ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ يېڭى تۈرىنىمۇ بايقىيالايدىكەن.

«24-فرانس» قانىلى، ئامېرىكالىق مەسئۇللار ۋاكسىنا ئەملەتكۈزگەن كىشىلەرنىڭ ماسكىسىز كۆرۈشەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىيوردانىيەدە چىقىدىغان «ئەددەستۇر گېزىتى»، ئامېرىكانىڭ مىننىسوتا (Minnesota) ئىشتاتىنىڭ مىننىپولىس (Minneapolis) شەھىرىدە 2020-يىلى 25-ماي قارا تەنلىك جورج فلويدنى ئۆلتۈرگەن ساقچىنىڭ سوتىنىڭ باشلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ئەلقۇددۇس ئەلئەرەبى گېزىتى»، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ 4-دولقۇنىنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەررايە ئەلقاتارىييە گېزىتى»، قاتارنىڭ ئەرلەر بىلەن ئاياللار باراۋەرلىكىدە زور نەتىجىلەرنى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل پائىس گېزىتى» (El País)، ياۋروپا پارلامېنتى كاتالونىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى كارلېس (Carles) پۇئىگدېمونتنىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازىنى قايتۇرۇۋېلىشقا مايىل ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «ئىنفوبىيە گېزىتى» (Infobae)، خۇەن گۇايدو ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ، ئامېرىكانىڭ ۋېنېزۇئېلالىق كۆچمەنلەرگە «ۋاقىتلىق قوغداش سالاھىيىتى» بەرگەنلىكىنى تەبرىكلەپ: «بۇ ناھايىتى مۇھىم ۋە زۆرۈر تەدبىر» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

كۇبادا چىقىدىغان« پرېنسا لاتىنا گېزىتى» (Prensa Latina)، بىرازىلىيەدە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان سابىق پىرېزىدېنت لۇلا (Lula) نىڭ جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «لېنتا.رۇ» تورى (Lenta.ru)، ئامېرىكا ئالەم ھەرىكەتلىرىگە مەسئۇل گېنېرال جون ۋ. رېيموند (John W. Raymond) نىڭ نىيۇ يورك تايمېس گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئالەم ساھەسىدىكى يوشۇرۇن كۈچىنىڭ ۋاشىنگتوننى ئەندىشەلەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر