03.03.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1594136
03.03.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: گېرمانىيەنىڭ «‹ Bild.de › خەۋەرلەر تورى»، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا يۈز بەرگەن دەھشەتلىك قاتناش ۋەقەسى: دالا ماشىنىسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى بىر - بىرىگە سوقۇلۇپ كېتىپ، دالا ئاپتوموبىلىدىكى 26 كىشىدىن 15 ى ھاياتىدىن ئايرىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

گېرمانىيەنىڭ «‹ ard.de› خەۋەرلەر تورى»، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرىنى دىققەت بىلەن يېنىكلىنىش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى يازدى.

ئىيوردانىيە چىقىدىغان «‹ئەددۇستۇر› گېزىتى»، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ، دۇنيانىڭ «كوۋىد – 19» يۇقۇمىنى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن يېڭەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

قاتاردا چىقىدىغان «‹ئەررايەل قەتەرىييە› گېزىتى»، قاتار – تۈركىيە ھەربىي كومىتېتىنىڭ، ھەمكارلىق پىلانلىرى توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئەرەب ۋە ئىنگىلىز تىللىرىدا چىقىدىغان «‹ئەلقۇدسۇل ئەرەبى› گېزىتى»، AstraZeneca ۋاكسىنىسىنىڭ فىرانسىيە ۋە گېرمانىيەدە مودا ئەمەسلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «‹Infobae› گېزىتى»، «بولىۋىيەدىكى پاجىئە: 60 كىشىلىك يىغىلىش جەريانىدا رېشاتكا بۇزۇلدى: كەم دېگەندە 5 ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى تۆتىنچى قەۋەتتىن يىقىلىپ چۈشۈپ، قازا قىلدى.» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹El Mundo› گېزىتى»، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى:

ئىسپانىيە پادىشاھىنىڭ ئىككى ھەدىسى ئېلىنا بىلەن كىرىستىنا، (ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى) ئەبۇزەبىدە «كوۋىد – 19» ۋاكسىنىسى ئەملەتكۈزدى. ئۇلار ھېچقانداق مۇھىم گۇرۇپپىغا كىرگۈزۈلمىگەچكە، بۇ ئارقىلىق ئىسپانىيەنىڭ ۋاكسىنا ئەملەش پىروگراممىسىنىڭ ئالدىنى ئالغان بولدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹La Vanguardia› گېزىتى»،  AstraZeneca ۋاكسىنىسىنىڭ ھەر ياشتىكى گۇرۇپپىلاردا Pfizer ۋاكسىنىسىدەك ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى يازدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹لې موندې›  گېزىتى»،  چىرىكلىك جىنايىتى بىلەن 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان (فىرانسىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى) نىكولاس ساركوزىنىڭ، «ئادالەتسىزلىك» نىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹Le Parisien› گېزىتى»، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى  ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

 ئالجىرىيە ئۇرۇشى: فىرانسىيە، ئالجىرىيەلىك (ئادۋوكات، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى) ئەلى بۇمېندجېلنىڭ (1957-يىلى) ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. ئالجىرىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىئەلى بۇمېندجېل، قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئۆلۈپ كەتكەن، فىرانسىيە ئارمىيەسى ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغاندەك كۆرسىتىش ئۈچۈن،  ئۇنى بىنانىڭ ئالتىنچى قەۋىتىدىن تاشلىۋەتكەن ئىدى.

رۇسىيەنىڭ «‹Interfax.ru› خەۋەرلەر تورى»، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ رۇسىيەگە كىرېدىت بېرىشىنى چەكلىگەنلىكىنى يازدى.

رۇسىيەنىڭ «‹TASS› ئاگېنتلىقى»، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاھاروۋانىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رۇسىيەگە قارشى يېڭى ئېمبارگولىرىغا سىممېترىك ئەمەس، تەقابىل تۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

Vedomosti، خەلقئارا مەسلىھەت بېرىش شىركىتى Cushman & Wakefield نىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، موسكۋا مېھمانخانىلىرى، ئادەم تولۇق بولۇش جەھەتتىن، ياۋروپا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر