02.03.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمز تۆۋەندىكىچە:

1593405
02.03.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ئەلقۇددۇس ئەلئەرەبى گېزىتى»، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ تۇنجى ئىسىرائىلىيە ئەلچىخانىسىغا باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن مۇھەممەد مەھمۇت ئەل ھاجانىڭ ئىشەنچ مەكتۇبىنى ئىسىرائىلىيە پىرېزىدېنتى رېيۇۋېن رىۋلىن (Reuven Rivlin) غا تاپشۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان« لې فىگارو گېزىتى» (Le Figaro)، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون بىلەن تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سىنلىق كۆرۈشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

بېلگىيەدە چىقىدىغان «لۆسۋا گېزىتى» (Le Soir)، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مۇشۇ يىل (2021) نىڭ ئاخىرىغىچە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) نىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې گېزىتى» (Le Monde)، ياۋروپا كومىتېتىنىڭ مۇشۇ ئاي ئاخىرىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى پاسپورت لايىھەسى» نى سۇنىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «تاگېسشاۋ.دې» تورى (Tagesschau.de)، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇمچان ئالاھىدىلىكىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا بارغانسېرى ئېشىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «تاس ئاگېنتلىقى» (TASS)، رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئامېرىكانىڭ 2-مارتتا ئۆكتىچى رەھبەر ئالېكسېي ناۋالنىي سەۋەبىدىن رۇسىيەگە قارشى يېڭى ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈش مۇمكىنلىكىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «كوممېرسانت گېزىتى» (Kommersant)، ئۇكرائىنا گاز شىركىتى-نافتوگاز (Naftogaz) نىڭ باشلىقى ئاندرېي كوبولېۋ (Andrey Kobolev) نىڭ، ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن ياسىلىۋاتقان «2-شىمالىي ئېقىم» تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنىڭ بارلىق ئېمبارگولارغا قارىماستىن پۈتكۈزۈلۈش ئېھتىمالىغا قارىتا تەييارلىقتا ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «ۋېدوموستى گېزىتى» (Vedomosti)، رۇسىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى تاتيانا گولىكوۋا (Tatyana Golikova) نىڭ، رۇسىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى ئىممۇنىتېتنىڭ ئاۋغۇست ئېيىدا شەكىللىنىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل پائىس گېزىتى» (El Pais)، ئىسپانىيەدە ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، ۋۇخەن ۋىرۇسى تەدبىرلىرى يولغا قويۇلغان رايونلار بىلەن تەدبىرلەر يولغا قويۇلمىغان رايونلارنى سېلىشتۇرغاندا، تەدبىرلەر يولغا قويۇلغان رايونلاردا ياخشىلىنىشنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنىڭ ئىسپاتلانغانلىقىنىڭ بىلدۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل مۇندو گېزىتى»، ئىسپانىيەدە رەپ ناخشىچى پابلو ھاسېل (Pablo Hasel) نىڭ تۇتۇلۇشىغا قارشى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان نامايىشلاردا زوراۋانلىقلارنىڭ كۆپىيىشىدە، ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق تەشكىللەنگەن ياشلارنىڭ ھەپتە ئاخىرى كاتالونىيە رايونىغا بېرىشىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر