01.03.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1592709
01.03.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «مەن (1997 – يىلى) 28 – فېۋرالنى باشتىن كەچۈردۈم، 28 - فېۋرالنى بىلىمەن» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغۇچىلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

گېرمانىيەنىڭ «br.de» تورى، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھايكو مائاسنىڭ ئالدىنقى ھەپتە ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىردەكلىك ھاسىل قىلغان ۋاكسىنا پاسپورتى توغرىسىدا توختىلىپ: «ناھايىتى تېز ئىشلەش» كېرەكلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «تاگېششاۇ.دې» تورى، ئامېرىكادا Johnson&Johnson ۋاكسىنىسىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە رۇخسەت قىلىنغانلىقى، بازاردىكى باشقا ۋاكسىنالارنىڭ ئەكسىچە Johnson&Johnson ۋاكسىناسىنى بىر قېتىملا ئەملەشنىڭ يېتەرلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

لىۋاندا چىقىدىغان «ئەلمۇستەقبەل» گېزىتى، رۇسىيەنىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانىنىڭ سۈرىيەدە چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەررايە ئەلقاتارىييە» گېزىتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ، 12 مىليون 400 مىڭ سۈرىيەلىكنىڭ يېمەكلىك تەمىناتىغا ئېرىشەلمەيۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى يازدى.

ئىسپانىيەنىڭ «خېرالدو» گېزىتى، خىتاينىڭ ئۈچىنچى يۇقۇم ۋاكسىنىسىنى تەستىقلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «ئىنفوبىيا» گېزىتى، رۇسىيەنىڭ بىرلا قۇتا ئەملىنىدىغان يۇقۇم ۋاكسىنىسى «سپۇتنىك نۇر» نىڭ «دۇنياغا ئېچىۋېتىلىدىغانلىقى» نى ئېلان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ۋېنېزۇئېلادا چىقىدىغان «تېلېسۇر» گېزىتى، ئىسپانىيەلىك نامايىشچىلارنىڭ بارسېلونادىكى چوڭ نامايىشلىرى جەريانىدا ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى يازدى.

رۇسىيەنىڭ «ۋوئېننو دېلو» ژۇرنىلى، تۈركىيەنىڭ، رۇسىيە ئېلېكتىرونلۇق ئۇرۇش سىستېمىلىرىنىڭ، تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى — بايراقتار ب 2 نى توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «رىئا نوۋوستى» ئاگېنتلىقى، ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ، ئامېرىكانىڭ رۇسىيە نېفىتىگە بېقىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

رۇسىيەنىڭ «ۋېستى.رۇ» تورى، كوللېكتىپ ھالەتتە ھەرىكەت قىلالايدىغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ رۇسىيە ئالەم بوشلۇقى قىسىملىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەنىڭ «فىرانس-24» خەۋەرلەر قانىلى، فىرانسىيەدىكى «پۇقرالار كىلىمات كېلىشىمى»نىڭ ھۆكۈمەتكە ئىنتايىن ناچار نومۇر بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

فىرانسىيەنىڭ «لې موندې» گېزىتى، دونالد ترامپنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ (پىرېزىدېنتلىققا يېڭىدىن نامزات بولۇپ ) قايتىپ كېلىش پىكرىنى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەنىڭ «لې فىگارو» گېزىتى، پارىژ رايونىنىڭ كوۋىد  - 19 غا قارشى يېڭى چەكلەش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر