26.02.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1591220
26.02.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: گېرمانىيەنىڭ «زدف.دې» تورى، گېرمانىيە فېدېراتىپ تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ، بېرلىندىكى پارلامېنت بىناسىنىڭ قۇرۇلۇش پىلانىنى رۇسىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىغا بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر گېرمانىيە پۇقراسىنى جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ سوتقا ئەرز سۇنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، خىتاينىڭ يېڭىدىن ئىككى ۋاكسىنىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە رۇخسەت قىلغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن خىتايدىكى ئىجازەتنامە ئالغان ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) ۋاكسىنىسى سانىنىڭ تۆتكە يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

يەنە گېرمانىيەنىڭ «دىې ۋېلت» گېزىتى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ چەت ئەل زىيارىتى ۋە ساياھەتچىلىكنى جانلاندۇرۇش مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋاكسىنا پاسپورتى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى يازدى.

ئىيوردانىيەدە چىقىدىغان «ئەددۇستۇر» گېزىتى، جونسوننىڭ مىقدارى، پىفىزېرنىڭ ئۈنۈمى ۋە مودېرنانىڭ كوۋىد – 19 ۋاكسىنىسىدا يېڭى ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

«ئەلئەييام» گېزىتى، پىرېزىدېنت جو بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ: «پەلەستىنلىكلەرنىڭ دۆلەت قۇرۇش ۋە مۇستەقىللىقنى ئۈمىد  قىلىشىنىڭ يوللۇق» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

لوندوندا ئەرەبچە ۋە ئىنگلىزچە نەشر قىلىنىدىغان «ئەلقۇددۇس ئەلئەرەبى» گېزىتى، بىرما ئارمىيەسىنىڭ، نامايىشچىلار بىلەن ئارمىيە ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن شىددەتلىك توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن تېخىمۇ ئېغىر جازاغا ئۇچراش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى يازدى.

فىرانسىيەنىڭ «لې پارىسىئېن» گېزىتى، (پارىژ شەھەر باشلىقى) ئاننى ھىدالگونىڭ، كوۋىد – 19 يۇقۇمىنى تىزگىنلەش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە پارىژدا ئۈچ ھەپتىلىك (قاتتىق) كارانتىن قىلىش تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەنىڭ «لې موندې» گېزىتى، كارانتىن قىلىش باشلىنىپ توققۇز ئايدىن كېيىن، فرانسىيەدە بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىدە رېكورت سەۋىيەدە تۆۋەنلەش بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

فىرانسىيەنىڭ «لې فىگارو» گېزىتى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يازنىڭ ئاخىرىغىچە ياۋروپالىقلارنىڭ %70 گە ۋاكسىنا ئەملەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا «ئۈمىدۋار» قاراۋاتقانلىقىنى يازدى.

ئىسپانىيەنىڭ «ئېل مۇندو» گېزىتى، ئىسپانىيەنىڭ سابىق پادىشاھى خۇان كارلوس I توغرىسىدىكى غۇلغۇلىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى؛ خۇان كارلوسنىڭ دۆلەتتىن پۇل ئەتكەس قىلغانلىقى ئۈچۈن دۆلەت خەزىنىسىگە يەنە 4 مىليون ياۋرو تۆلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىسپانىيەنىڭ «ئېل پائىس» گېزىتى، ئىسپانىيەدە ئېلىپ بېرىلغان ئىككى ئايرىم تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ ھۇجۇمچى پاشا تۈرلىرىنىڭ ياۋروپانى تەسىرى ئاستىغا ئېلىۋالغانلىقىنى ۋە بۇ چىداملىق جانلىقلارنىڭ ئوخشىمىغان كېسەللىكلەرنى تارقىتالايدىغانلىقىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى يازدى.

ۋېنېزۇئېلانىڭ «ئېل ناسىئونال» گېزىتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ۋېنېزۇئېلا ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، بۇ قېتىم ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋېنېزۇئېلانىڭ ۋەكىلىنى خالانمىغان ئادەم، دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «تاسس» خەۋەر ئاگېنتلىقى، (تۈركىيە) سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجانىڭ تۈنۈگۈن بايانات بېرىپ، تۈركىيەنىڭ، رۇسىيەنىڭ سپۇتنىك -  V ۋاكسىنىسىنى تېخنىكىلىق تەكشۈرۈشنى باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

رۇسىيەنىڭ «ۋېدوموستى» گېزىتى، موسكۋا شەھەر باشلىقى سېرگېي سوبيانىننىڭ «ئەگەر دوختۇرخانىدا ياتقان كوۋىد – 19 بىمارلىرىنىڭ سانى ئازايسا، 1 - 2 ئاي ئىچىدە بەزى چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىشىنىڭ مۇمكىنلىكى»نى بىلدۈرگەنلىكىنى يازدى.

رۇسىيەنىڭ «روسسىسكايا» گېزىتى، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ، ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنياننىڭ تاغلىق قاراباغ ئۇرۇشىدا پارتلىمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن (رۇسىيەدە ياسالغان) «ئىسكەندەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ھەققىدە خاتا ئۇچۇرغا ئىگە قىلىنغانلىقىنى، چۈنكى مەزكۇر باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ بىرىنىڭمۇ توقۇنۇشتا ئىشلىتىلمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر