23.02.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1589025
23.02.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې گېزىتى» (Le Monde)، ئامېرىكادا 1965-يىلى 21-فېۋرال سۈيىقەست بىلەن جېنىدىن ئايرىلغان سىياسەتچى ۋە كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى مالكولم ئېكس (Malcolm X) ئائىلەسىنىڭ، دېلونى قايتىدىن تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«24- فرانس» قانىلى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باي دۆلەتلەرنىڭ كەمبەغەل دۆلەتلەرگە ۋاكسىنا تارقىتىشنى ئاقسىتىش بىلەن ئەيىبلەۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

بېلگىيەدە چىقىدىغان «لۆسۋا گېزىتى» (Le Soir)، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ يېرىم مىليوندىن ئېشىشى سەۋەبىدىن بايراقلارنى يېرىم چۈشۈرۈشكە پەرمان چۈشۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ئەررايە ئەلقاتارىييە گېزىتى»، مۇتەخەسىسلەرنىڭ ۋاكسىنا ئەملەش سۈرئىتىنىڭ ئاستا بولۇشىنىڭ، يېڭى تۈر ۋىرۇس تەھدىتىنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

لىۋاندا چىقىدىغان «ئەل مۇستەقبەل گېزىتى»، ئىران رەھبىرى ئەلى ھامەنېينىڭ: «ئىراننىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشىنى ھېچكىم توسۇپ قالالمايدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ئېل پائىس گېزىتى»، ناسانىڭ مارسقا ئەۋەتكەن تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ، تارىختا تۇنجى قېتىم مارسقا قونۇش ئەسناسىنى سۈرەتكە ئالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل مۇندو گېزىتى» (El Mundo)، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سوتچى، ئەسكەر ۋە ساقچىدىن تەركىپ تاپقان «چاۋىزجى» 19 ئەمەلدارغا ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەدە چىقىدىغان «فرانكفۇرتېر ئالگېماينې زەيتۇڭ گېزىتى» (Frakfurter Allgemeine Zeitung)، گېرمانىيەنىڭ كۆلن شەھىرىدىكى خاناۋ قۇربانلىرىنىڭ فوتوگرافلىرىغا ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «ر ت ل ئونلاين» (RTL Online)،گېرمانىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش رامكىسىدا، 10 ئىشتاتتا باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلىلەرنىڭ ئېچىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «تاگېسشاۋ.دې» تورى (Tagesschau.de)، ئەنگلىيەنىڭ 21-ئىيۇن (2021) دا بارلىق ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك يولغا قويۇلغان چەكلىمىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «ۋېستى گېزىتى» (Vesti)، رۇسىيەدە ياسالغان «5-سپۇتنىك » ۋاكسىناسىنىڭ قىرغىزىستاننىڭ ئەملەشكە تەستىقلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «لېنتا.رۇ» تورى (Lenta.ru)، رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى لۇكاشېنكونىڭ سوچى شەھىرىدە ئالتە سائەتتىن ئارتۇق كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «ئىزۋېستىيا گېزىتى» (İzvestiya)، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايس (Ned Price) نىڭ، ئامېرىكانىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىۋاتقان «2-شىمالىي ئېقىم» تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى لىنيەسىگە قارشى چىقىشىغا، گېئوپولىتىكىلىق ئامىلنىڭ بىردىنبىر سەۋەب ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.      



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر