22.02.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1588180
22.02.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئىيوردانىيەدە چىقىدىغان «ئەددۇستۇر» گېزىتى، ئىسرائىلىيە ئىككى ھەپتە ئىچىدە 89 پەلەستىن بىناسىنى مۇسادىرە قىلىپ يىقىپ تاشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

لوندوندا ئەرەبچە ۋە ئىنگلىزچە نەشر قىلىنىدىغان «ئەلقۇددۇس ئەلئەرەبى» گېزىتى، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ قۇددۇستىكى ئىشخانىسىدا مىسىرلىق بىر مىنىستىرنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ۋە ئۇچرىشىش جەريانىدا نېتانياھۇنىڭ مىسىرلىق مىنىستىردىن دوستى مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ سىسىغا سالام يوللىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەررايە ئەلقاتارىييە» گېزىتى، قاتارنىڭ فرانكوفونى (فىرانسىيە مەدەنىيىتى بىلەن مەلۇم مۇناسىۋىتى بار دۆلەتلەر ۋە رايونلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان خەلقئارالىق تەشكىلات) نى داۋاملىق قوللاشنى قارار قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى (DW)، گېرمانىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) نىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالغۇدەك دەرىجىدە كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «زۈددۇتچ زېيتۇڭ» گېزىتى، گېرمانىيەدىكى ھەر قايسى ئۆلكىلەر ۋاكسىنا ئەملەش تەرتىپىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، يەسلى ۋە باشلانغۇچ مائارىپى ئورۇنلىرىدا ئىشلەيدىغانلارنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى يازدى.

گېرمانىيە «فرانكفۇرتېر رۇندشاۋ» گېزىتى، سابىق پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ئۆگەي قىزى لارا ترامپنىڭ باياناتلىرىنىڭ «دونالد ترامپ 2024 - يىلى يەنە بىر قېتىم پرېزىدېنتلىققا سايلىنامدۇ؟» دېگەن دەتالاشنىڭ پىلتىسىغا ئوت ياققانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىسپانىيەنىڭ «ئېل پائىس» گېزىتى، كاتالونىيە ساقچىلىرىنىڭ كوچىلاردىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنىڭ كاتالونىيەدىكى مۇقىمسىزلىقنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى يازدى.

مېكسىكادا چىقىدىغان «لا جورنادا» گېزىتى: مېكسىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ۋېراكرۇز ئۆلكىسىدە چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلانىدىكى ئالتە ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئارگېنتىنانىڭ «كلارېن» گېزىتى، كوۋىد – 19 يۇقۇمىدا 500 مىڭدىن ئارتۇق ئامېرىكالىقنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، بۇ ساننىڭ  «بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى»، شۇنداقلا «ۋيېتنام ئۇرۇشى» دا قازا قىلغانلار سانىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى يازدى.

رۇسىيەنىڭ «گازەتە.رۇ» تورى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن نىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جەيك سۇللىۋاننىڭ، ئامېرىكانىڭ رۇس خاككېرلىرىنىڭ تور ھۇجۇملىرىغا ئىنكاس قايتۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

رۇسىيەنىڭ «ئىزۋېستىيا» گېزىتى، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى دومىنىك راب بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ھەيئىتىنىڭ رۇسىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئىنكاس قايتۇرۇشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «رىئا نوۋوستى» ئاگېنتلىقى، سلوۋاكىيە باش مىنىستىرى ئىگور ماتوۋىچنىڭ كابىنېت ئەزالىرىدىن رۇسىيەدە ياسالغان Sputnik V ۋاكسىنىسىنى سېتىۋېلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىشنى تەلەپ قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

فىرانسىيەنىڭ «لې موندې» گېزىتى، فىرانسىيەدە ساقچىلارغا قارىتىلغان جىنايەتلەر نىسبىتىنىڭ 20 يىلدا بىر ھەسسىدىن كۆپرەك ئېشىپ كەتكەنلىكىنى يازدى.

فىرانسىيەنىڭ «لې فىگارو» گېزىتى، بىرمانىدىكى ھەربىي ھاكىمىيەتنىڭ نامايىشچىلارنى نامايىشنى باستۇرۇش ئەسناسىدا ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى يازدى.

فىرانسىيەنىڭ «لىبېرېيشن» گېزىتى: كوۋىد تەدبىرلىرى سەۋەبىدىن (فرانسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى) نىس شەھىرىدە ساياھەتچىلىكنىڭ ۋەيران بولۇش خەۋىپىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر