09.02.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1580024
09.02.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، گېرمانىيە تەۋەلىكىدە مۇسۇلمانلارغا ۋە مۇسۇلمان تەشكىلاتلارغا 900 دىن ئارتۇق ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنىڭ رويخەتكە ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «ز د ف.دې» تورى (zdf.de)، ئاۋستىرىيە ھۆكۈمىتى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن تىرول (Tirol) ئىشتاتىغا قارىتا ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى چىقارغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ئەلقۇددۇس ئەلئەرەبى گېزىتى»، بىرما ھەربىي ھۆكۈمىتىنىڭ نامايىشلارغا ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ۋە بەزى شەھەرلەردە جىددىي ھالەت يۈرگۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

مەزكۇر گېزىتتە يەنە، سۈرىيەدىكى ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ نىشانىنىڭ ئەمدىلىكتە نېفىتنى قوغداش ئەمەسلىكىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەلرايە ئەلقاتارىييە گېزىتى»، قاتار مۇئاۋىن باش مىنستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان ئالسانىنىڭ، ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جەك سالىۋان (Jake Sullivan) بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې فىگارو گېزىتى» (Le Figaro)، فىرانسىيەدىكى مەكتەپ دوختۇرلىرىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن مەكتەپلەرنىڭ تۆت ھەپتە قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«24-فرانس» قانىلى، پىرېزىدېنت ماكروننىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش دىرېكتورى بىلەن ۋاكسىنا ئەملەشنى تېزلەشتۈرۈش توغرىسىدا كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل پائىس گېزىتى» (El Pais)، ئىسپانىيە ئىقتىسادىي ئىشلارغا مەسئۇل ۋە دىجىتال مىنستىرى نادىيا كالۋىنو (Nadia Calviño) ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئۈچىنچى دولقۇنىنىڭ ناھايىتى ئېغىر بولۇشى سەۋەبىدىن، دۆلەتنىڭ شىركەتلەرگە ئىقتىسادىي ياردىمىنى كۆپەيتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقدىغان «ئېل مۇندو گېزىتى» (El Mundo)، كاتالونىيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى روگېر توررېنت (Roger Torrent) نىڭ، كاتالونىيە مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىنىڭ، دۆلەتنىڭ مەزكۇر رايوندا رېفېراندۇمنى قوبۇل قىلىشى بىلەن مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «راشىيا تېدېي» (Russia Today)، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپادا ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىنالىرىنى تارقىتىش ئىشلىرىدا يۈز بەرگەن پاجىئە سەۋەبىدىن، رۇسىيەدە ياسالغان ۋاكسىنانى سېتىۋېلىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «ئىزۋېستىيا گېزىتى» (İzvestiya)، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ، پولشا، گېرمانىيە ۋە شىۋېتسىيەنىڭ رۇسىيەلىك دىپلوماتلارنى قوغلاپ چىقىرىشىغا «ئاساسسىز» دەپ باھا بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر