13.01.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1562779
13.01.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: گېرمانىيەنىڭ «‹Deutsche Welle› خەۋەرلەر تورى»، گېرمانىيەدە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىرقچىلىقنىڭ پارلامېنتنىڭ كۈنتەرتىپىدە ئىكەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

گېرمانىيەدە چىقىدىغان «‹Frankfurter Rundschau› گېزىتى»، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدا ئوتتۇرىغا چىققان يېڭى تۈرىنىڭ گېرمانىيەگە يېتىپ بارغانلىقىنى، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش مەسىلىسىنىڭ باش مىنىستىر  ئانگېلا مېركېلنىڭ كۈنتەرتىپىدە ئىكەنلىكىنى يازدى.

گېرمانىيەدە چىقىدىغان «‹Süddeutsche Zeitung› گېزىتى»، گېرمانىيەدە «كوۋىد – 19» يۇقۇمى سەۋەبىدىن بېرىلىشى كۈتۈلۈۋاتقان ئىقتىسادىي ياردەمنىڭ توڭلىتىپ قويۇلۇشىنىڭ قاتتىق تەنقىدكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«‹ئەلقۇدسۇل ئەرەبى› گېزىتى»، «ئىشلەپچىقىرىشتا كېچىكىپ قالغان ياۋروپا، تۈركىيەدىن ئۇچقۇچىسىز ھەربىي ئايروپىلانى سېتىۋالارمۇ؟» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

مەزكۇر گېزىت يەنە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ، دۆلىتىدە ھەممىنى «سوغۇققان بولۇش ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش» قا چاقىرغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

قاتاردا چىقىدىغان «‹ئەررايەل قەتەرىييە› گېزىتى»، ئەتە (پەيشەنبە) تۇنىستا كەڭ كۆلەملىك خەلق قوزغىلىڭىدىن كېيىن زەينەلئابىدىن بىن ئەلى ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 – يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹لې فىگارو› گېزىتى»، WhatsApp شىركىتىنىڭ ئۇچۇر مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش مەسىلىسىدە ئىشلەتكۈچىلىرىگە ئىشەنچ بېرىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى يازدى.

بېلگىيەدە چىقىدىغان «‹ Le Soir›  گېزىتى»، مودېرنا ۋاكسىسىنىنىڭ ئالدىمىزدىكى ھەپتىدىن ئېتىبارەن بېلگىيەدە ئەملىنىشكە باشلىنىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹Le Parisien› گېزىتى»، Twitter  ۋە Facebook  تىن كېيىن YouTube نىڭمۇ ترامپقا چەكلىمە قويغانلىقىنى ۋە «شىددەت مەزمۇن قىلىنغانلىقى» سەۋەبلىك بىر ۋىدېئونىمۇ ئۆچۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹La Vanguardia› گېزىتى»، تۇنجى تۈركۈمدىكى مودېرنا ۋاكسىنىسىنىڭ ئىسپانىيەگە يېتىپ بارغانلىقىنى يازدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹El Mundo› گېزىتى»، ئۈچىنچى بىر يۇقۇم دولقۇنىنىڭ سەھسىيە سىستېمىسىنىڭ ئەندىشىسىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى، «كوۋىد – 19» يۇقۇمى سەۋەبىدىن دوختۇرخانىغا مۇراجىئەت قىلغۇچىلار سانىنىڭ ھېچ ئازايمايۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

كۇبادا چىقىدىغان «‹Prensa Latina› گېزىتى»، ۋېنېسۇئېلا نېفىت شىركىتى Petróleos نىڭ، 2021 – يىلى باشتىن – ئاخىر خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كۈنىگە 1.5 مىليون ۋارىلغا چىقىرىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «<رىيا نوۋوستى> گېزىتى»، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ، «شىمالىي ئېقىم -2» تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى قۇرۇلۇشىدا رۇسىيەگە ياردەم بېرىۋاتقان ياۋروپا شىركەتلىرىگە ئېمبارگو خەۋپى مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكىنى يازدى.

رۇسىيەنىڭ «‹TASS› ئاگېنتلىقى»، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سەيشەنبە كۈنى Telegram دا سەھىپە ئاچقانلىقىنى، كۆزەتكۈچىلەر سانىنىڭ ھازىردىن باشلاپلا 100 مىڭدىن ئاشقانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «‹Izvestiya› گېزىتى»، قىرغىزىستاننىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى سادىر جاپاروۋنىڭ رۇسىيە بىلەن ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر