10.11.2020

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1525066
10.11.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: قاتاردا چىقىدىغان «ئەلرايا ئەلقاتارىييا گېزىتى»، ئامېرىكادا يېڭى نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان جو بايدىننىڭ، «ھەممىنىڭ پىرېزىدېنتى بولىمەن... ۋە ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسى ھەقسىز بولىدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا ئەرەبچە چىقىدىغان «ئەلقۇددۇس ئەلئەرەبى گېزىتى»، ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنياننىڭ: «رۇسىيە ۋە ئەزەبەيجان رەھبەرلىرى بىلەن ‹ئېچىنىشلىق› كېلىشىم ئىمزالىدىم» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «ز د ف.دې» تورى (zdf.de)، گېرمانىيە سەھىيە مىنىستىرى يېنس شپان (Jens Spahn) نىڭ، بىئونتېك (Biontech) ۋە فايزېر (Pfizer) شىركەتلىرىنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچلۇق كلىنكىلىق سىناقلىرىدا ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ %90 تىزگىنلەنگەنلىكى توغرىسىدىكى باياناتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ: «كىشىنى جاسارەتلەندۈرىدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، گېرمانىيەنىڭ 18 يىلدا تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسىگە 522 مىليون ياۋرولۇق ئېكسپورت رۇخسىتى بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل مۇندو گېزىتى» (El Mundo)، ئىسپانىيە ئاكسىيە بازىرى(IBEX)  نىڭ، ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسى تەتقىقاتلىرىدىكى ئىلگىرىلەشلەر نەتىجىسىدە، يېقىنقى 10 يىلدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى كۆرۈپ، كۈننى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل پائىس گېزىتى» (El Pais)، ئامېرىكانىڭ سايلامدا ئۇتۇپ چىققان پىرېزىدېنتى جو بايدىن زىدىلەرنى ياخشىلاشنى خالايدىغانلىقىنى ۋە ئامېرىكانىڭ ئوخشىمىغان يۆنۈلۈشكە قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې فىگارو گېزىتى» (Le Figaro)، لىئون شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا خەۋپسىزلىك تارماقلىرى بىلەن بىر گۇرۇپپا ياشلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «لېنتا.رۇ» تورى (Lenta.ru)، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىز پۇتىن ۋە ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنياننىڭ قاراباغدا ئۇرۇش توختىتىشنى قارار قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «تاس» ئاگنېتلىقى (TASS)، ئۇرۇش توختىتىش قارارى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، رۇسىيە تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ توققۇز ئايروپىلان بىلەن قاراباغقا ئەۋەتىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «ئىزۋېستىيا گېزىتى» (İzvestiya) پۇتىننىڭ يېڭىدىن سايلانغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننى رەسمىي سايلام نەتىجىلىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر