21.10.2020

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1513123
21.10.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: گېرمانىيەنىڭ «‹Deutsche Welle› خەۋەرلەر تورى»، «تۈركىيەنىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش گۇرۇھى (TOGG)) بىلەن دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان باتارېيە ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلەردىن فاراسىس گۇرۇھى، لىتىي ئىئونلۇق باتارېيە ئىشلەپچىقىرىش توغرۇلۇق كېلىشىم تۈزگەنلىكىنى ئۇقتۇردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

گېرمانىيەنىڭ «‹Tagesschau.de› خەۋەرلەر تورى»، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى، جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى بىلەن مالتانىڭ «ئالتۇن پاسپورت» دەپ بىلىنىدىغان «مەبلەغ سېلىش بەدىلىگە پۇقرالىق بېرىش» تۈزۈمى ھەققىدە قانۇنىي جەھەتتىن تەكشۈرۈش باسقۇچىنى ئىشقا كىرىشتۈردى. كومىتېتنىڭ قارىشىچە، بۇ تۈزۈم ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قانۇن – بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ ئىكەن.

گېرمانىيەنىڭ «‹Welt.de› خەۋەرلەر تورى»، گېرمانىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى تېزلىك بىلەن كۆپىيىۋاتقان بىر پەيتتە، گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ كۆزىتىش پائالىيەتلىرى ئۈچۈن دورتمۇند شەھىرىدە ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹لې موندې›  گېزىتى» (Le Monde)، فىرانسىيەدە كۆپىنچە دورىگەرلەرنىڭ تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكىنى يازدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹Le Figaro› گېزىتى»، كانادادا تېگى ئافرىقالىق بىر ئادەمنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى جەريانىدا ئۆلۈپ كېتىش ۋەقەسى سەۋەبلىك تەكشۈرۈلۈۋاتقان ساقچىنىڭ ئاقلغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

گېزىتنىڭ يەنە بىر خەۋىرىدە، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ، ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىندىن، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئۇمماندا چىقىدىغان «‹ۋەتەن› گېزىتى»، سۈرىيەنىڭ رۇسىيە تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ۋاكسىنىسىغا يېقىندا ئېرىشىدىغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

قاتاردا چىقىدىغان «‹ئەررايەل قەتەرىييە› گېزىتى»، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى ۋىزا بەلگىلىمىسىنىڭ ئۆزئارا بىكار قىلىنغانلىقىنى يازدى.

لىۋاندا چىقىدىغان «‹ئەلمۇستەقبەل› گېزىتى»، «تاغلىق قاراباغنىڭ ۋەزىيىتى جىددىي، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەپلەرنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلىشقا چاقىردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹El País› گېزىتى»، ئىسپانىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى بىر مىليونغا يېقىنلاشقان بىر پەيتتە، سەھىيە مىنىستىرىنىڭ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، خەلقتىن ھەرىكەت ھەم باشقا ئىنسانلار بىلەن ئۆزئارا يېقىنلىشىشنى ئازايتىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ۋېنېسۇئېلادا چىقىدىغان «‹TeleSur› گېزىتى»، ۋېنېسۇئېلادا چېمپىيونلار بىرلەشمىسى 2020-2021-يىللىق مۇسابىقىسىدە ياخشى ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونا كوماندىسىنىڭ ۋېنگىرىيەنىڭ فېرېنكاروس كوماندىسىنى 1 گە قارشى 5 نەتىجە بىلەن يەڭگەنلىكىنى يازدى.

رۇسىيەنىڭ «‹Lenta.ru› خەۋەرلەر تورى»، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى <شىمالىي ئېقىم -2> لايىھەسىگە قارىتا ئېمبارگولارنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «‹ Izvestiya› گېزىتى»، قىرغىزىستاننىڭ ۋاقىتلىق پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان سادىر جاپاروۋنىڭ، رۇسىيە ئەلچىسى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، رۇسچىنىڭ قىرغىزىستاندا رەسمىي تىل سۈپىتىدە قالىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى يازدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «‹Kommersant› گېزىتى»، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، گېرمانىيەدىكى بىر قىسىم كۈچلىرىنى رۇسىيەگە تېخىمۇ يېقىن بىر ياۋروپا دۆلىتىگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر