16.10.2020

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1510259
16.10.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى (DW)، گېرمانىيەدە سۈرئەت بىلەن كۆپىيىۋاتقان ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) بىمارلىرى سانىنىڭ دوختۇرخانىلاردا ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقىنى، گېرمانىيە دوختۇرخانىلار بىرلىكىنىڭ، يۇقۇمنىڭ كونترولدىن چىقىپ كېتىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى ئاڭلىغۇچىلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

گېرمانىيەنىڭ «تاگېششاۋ.دې» گېزىتى، گېرمانىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىدە چاقىرىلغان 8 سائەتلىك ۋۇخەن ۋىرۇسى يىغىنى جەريانىدا، كۈز پەسىلى تەدبىرلىرى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىنالمىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەنىڭ «ئېل پائىس» گېزىتى، ئىسپانىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ، دىققىتىنى يۇقۇم ئەھۋالى ئەڭ كۆپ رايونلاردىكى قاۋاقخانا ۋە ئاشخانىلارنى تاقاشنىڭ يېڭى پىلانىغا مەركەزلەشتۈرگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

ئىسپانىيەنىڭ «لا رازون» گېزىتى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كوۋىد - 19 ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئىسپانىيەنى تارقىلىشچان زۇكام خەرىتىسىدە قىزىل رەڭگە بويىغانلىقىنى يازدى.

ۋېنېزۇئېلادا چىقىدىغان «تېلېسۇر» گېزىتى، ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرونىڭ، جەنۇبىي ئامېرىكا خەلقىنىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھۇجۇم ۋە تەھدىتلىرىگە كۈنسېرى تېخىمۇ ئېغىر ۋە كۈچلۈك جاۋاب قايتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەنىڭ «لې پارىسىئېن» گېزىتى، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ياشانغانلاردا ئادەم قورقىتىدىغان دەرىجىدە كۆپىيىۋاتقانلىقىنى يازدى.

فىرانسىيەنىڭ «لې فىگارو» گېزىتى، پارىژنىڭ (لىۋىيە مەسىلىسىگە سىياسىي چارە تېپىش ئۈچۈن) قوشنا دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىك جەھەتتە تېخىمۇ ئاكتىپ كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى يازدى.

فىرانسىيەنىڭ «لې موندې» گېزىتى، (فىرانسىيە مەدەنىيەت مىنىستىرى) روسېلىن باچېلوتنىڭ، كوچىغا چىقىشنى چەكلەش بەلگىلىمىسىنىڭ (سەنئەت) پىروگراممىلىرىغا كەڭچىلىك قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

لوندوندا ئەرەبچە نەشر قىلىنىدىغان «ئەلقۇددۇس ئەلئەرەبى» گېزىتى، ئەزەربەيجاننىڭ، «بىز، تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى سايىسىدا ئەرمېنىيەنىڭ بىر مىليارد دوللارلىق ھەربىي ئەسلىھەسىنى ۋەيران قىلدۇق» دەپ بايانات بەرگەنلىكىنى يازدى.

مەركىزى قاتارغا جايلاشقان «ئەلجەزىرە» قانىلى، فىرانسىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن كوچىغا چىقىشنى چەكلەش تۈزۈمىنىڭ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانلىقىنى، ئەنگلىيەدە ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى، ياۋروپا كومىتېتى رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېننىڭ (تەدبىر قوللىنىش مەقسىتىدە) ئۆزىنى چەتكە ئالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەررايە ئەلقاتارىييە» گېزىتى، لىۋىيەنىڭ تەرخۇنە شەھىرىدىن تېپىلغان كوللېكتىپ قەبرىلەرنىڭ، دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ رەھبىرى خەلىفە ھافتەرنىڭ جىنايەتلىرىگە يېڭى جىنايەتلەرنى ئىلاۋە قىلغانلىقىنى يازدى.

رۇسىيەنىڭ «رىئا نوۋوستى» خەۋەر ئاگېنتلىقى، موسكۋالىقلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ماسكا ۋە پەلەي بولمىسا قاتناش ۋاسىتىلىرىغا ئولتۇرالمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

رۇسىيەنىڭ «لېنتا.رۇ» خەۋەرلەر تورى، رۇسىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقۇمىدىكى ئېشىشنىڭ 10 – نويابىرغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

رۇسىيەنىڭ «ئىزۋېستىيا» گېزىتى، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ، دۆلەت نوپۇسىنىڭ ئازىيىش مۆلچەرىگە مەنپىي يۆنىلىشتە تۈزىتىش كىرگۈزگەنلىكىنى، ھۆكۈمەتنىڭ قارىشىچە، 2024 – يىلىغىچە رۇسىيە نوپۇسىدا 1 مىليون 200 مىڭ كىشىنىڭ ئازىيىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر