22.09.2020

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىزتۆۋەندىكىچە:

1495109
22.09.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئەلجەزىرە قانىلى، «مىلياردلارچە دوللار ۋە بەزى تەلەپلەر: مانا سۇداننىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى ئابۇدابىدا ئىسىرائىلىيە بىلەن ئۇچراشقاندا، ئىسىرائىلىيەگە قويغان مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش شەرتلىرى » سەرلەۋھىسىدە خەۋەر ئېلان قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەلرايا ئەلقاتارىييا گېزىتى»، قاتاردا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) نىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان «ئۆيدە ئولتۇرۇش» تەدبىرىگە بويسۇنمىغان ئالتە كىشىنىڭ تەپتىشكە ئەۋەتىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا ئەرەبچە چىقىدىغان «ئەل قۇددۇس ئەلئەرەبى گېزىتى»، كۇۋەيتنىڭ پايتەختى شەرقىي قۇددۇس بولغان پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «شپىيگېل.دې» تورى (Spiegel.de)، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسوننىڭ خەلقتىن كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان يۇقۇم سەۋەبىدىن ئۆيىدە ئىشلەشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، گېرمانىيەلىك بىر يۇقۇم كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسىنىڭ: «ماسكىلار خېلى ئۇزۇنغىچە ھاياتىمىزنىڭ بىر پارچىسى بولىدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې فىگارو گېزىتى» (Le Figaro)، فىرانسىيەنىڭ ستراسبۇرگ (Strasbourg) ساقچى ئىدارىسىدە خىزمەت قىلىدىغان ئىككى ساقچىنىڭ، ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا ۋە تەھدىت سېلىشقا ئۇچرىغانلىقى  ئۈچۈن جىايەت مەلۇم قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې گېزىتى» (Le Monde)، پارلامېنتنىڭ بىر دوكلاتىدا، فىرانسىيەنىڭ مۇساپىرلارنى جەمئىيەتكە ماسلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە، تېخىمۇ كۆپ كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەكلىكىنىڭ تەكىتلەنگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل پائىس گېزىتى» (El País)، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى ئالبېرتو گارسىيا (Alberto Garca) نىڭ: «ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇشتا، ھېچبىرىمىز تەدبىرلەر يولغا قويۇلغاندا زىممىمىزگە چۈشكەن ۋەزىپىنى تولۇق ئادا قىلمىدۇق» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل مۇندو گېزىتى» (El Mundo)، ئىسپانىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئىككىنچى دولقۇنىنىڭ باشلىنىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل نەشىنال» گېزىتى (El Nacional)، ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنسنىڭ ۋېنېزۇئېلادىكى ئۆكتىچى رەھبەر خۇەن گۇايدو بىلەن كۆرۈشۈپ، ئامېرىكانىڭ ۋەدىسىنى تەكرارلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «لېنتا.رۇ» تورى (Lenta.ru)،  تۈركىيە-رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئىدلىبتىكىM-4  تاشيولىدا چارلاش ئىشلىرىنى قايتىدىن باشلايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «كوممېرسانت گېزىتى» (Kommersant)، «گېرمانىيەنىڭ زۈددايچە زەيتۇڭ گېزىتى» دە، رۇسىيەلىك ئۆكتىچى ئالېكسېي ناۋالنىي (Aleksey Navalnıy) نىڭ زەھەرلىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك ۋەقە گېرمانىيە زېمىنىدا يۈز بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن، ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارالمايدىغانلىقىنىڭ خەۋەر قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «رىيا نوۋوستى ئاگېنتلىقى» (RİA Novosti)، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنىڭ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە، دۇنيانىڭ بۆلۈنۈشتىن ھارغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر